• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئالما سېزىمچان ئېكران ياساش شىركىتى كاڭنىڭغا 250 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:23 19-09-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئالما شىركىتى بۈگۈن گورىللا ماركىلىق ئەينەك ياساش سودىگىرى كاڭنىڭ شىركىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم «ئىلغار ياساش فوندى» نىڭ 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2017-يىلى 5-ئايدا، ئالما CEO سى تىم كۇك كۆلىمى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان «ئىلغار ياساش فوندى» پىلانىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش. شۇ ئايدا كاڭنىڭ شىركىتى بۇ فوندنىڭ تۇنجى مەنپەئەتلەنگۈچىسىگە ئايلىنىپ، ئالمىنىڭ 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغىگە ئېرىشكەن.

    ئالما ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى كاڭنىڭنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساش، كاپىتال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىلغار ئەينەك پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ دېدى. كاڭنىڭ ئاساسلىقى ئالمىنىڭ iPhone ۋە iPad مەھسۇلاتلىرىغا سېزىمچان ئېكران ئىشلەپچىقىرىدۇ.

    بۇلتۇر ئالما «ئىلغار ياساش فوندى» نىڭ مەبلەغ كۆلىمىنى دەسلەپكى1 مىليارد دوللاردىن 5 مىليارد دوللارغا ئۆستۈردى. بۈگۈن ئالما يەنە كاڭنىڭغا 250 مىليون دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ كاڭنىڭ ئالمىغا جەمئىي 450 مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    بۇنىڭغا قارىتا، ئالمىنىڭ باش تىجارەت ئەمەلدارى جېف ۋىليامس بىر باياناتتا مۇنداق دېدى: «بۇ مەبلەغ ئالما ۋە كاڭنىڭنىڭ ئورتاق ئىشەنچىنى گەۋدىلەندۈردى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش كەسىپتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەھسۇلاتلارنى يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ يەنە ئىككى شىركەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىقى ئارقىلىق دۇنيادىكى بىر قىسىم ئەڭ كەسكىن تېخنىكىلىق خىرىسلارنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ».

    ھازىرغا قەدەر، ئالما «ئىلغار ياساش فوندى» مال بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرىگە 1 مىليارد دوللار مەبلەغ سالدى. ئالما مەبلىغىگە ئېرىشكەن باشقا شىركەتلەر فىنىسارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئالمىنىڭ چىراي پەرق ئېتىش تېخنىكىسىغا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا 390 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى