• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئېلىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى پىلانىغا 17 دۆلەت قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:17 19-09-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىنقى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشچە، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى پىلانىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، تاشقى دۇنياغا بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇشنى قۇرۇپ بولغان ھامان، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىنى چېكىنىشكە يۈزلىنىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيادا پەقەت جۇڭگونىڭلا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بار بولىدىكەن. نۆۋەتتە 17 دۆلەت جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى پىلانىغا قاتنىشىشنى بەس-بەس بىلەن ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىمۇ بار ئىكەن. لېكىن جۇڭگو ئامېرىكىنى بىۋاسىتە رەت قىلغان بولۇپ، رەت قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئامېرىكىنىڭ بۇ شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرمىگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىدىغان ئاساسىي ئامىللارنى ھازىرلىمىغانلىقىدىن بولغان.


    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنى 16 دۆلەت ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ ياسىغان، 1998-يىلىدىن باشلانغان قونۇش ئەسۋابىدىن ھازىرقى ئالەم بوشلۇقىنى تۇتاشتۇرغۇچىغا ئايلانغان.

    خەلقئارا ئالەم پونكىتىنى 2016-يىلى پۈتۈپ تاكى ھازىرغىچە ئالدى-كەينى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنۈپ جەمئىي 16 چوڭ بۆلمىدىن تەركىب تاپتى. خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى نۇرغۇن پەنلەردىكى ئالەم بوشلۇقى تەجرىبە تۈرلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى نۇرغۇنلىغان مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. لېكىن، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن، دكلىتىمىز بۇ تۈرگە قاتنىشالمىغان. مۇشۇ سەۋەبتىن دۆلىتىمىز ئەزەلدىن خەلقئارا ئالەم پونكىتىنى ئىشلىتىپ باقمىغان.

    بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم سانائەت ساھەسى بىلەن ئوخشاش قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. نۆۋەتتىكى خەلقئارا ئالەم پونكىتىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 2028-يىلىغىچە ئىشلەتكىنى بولىدىغان بولۇپ، بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ چەكلىك ئۆمۈر مۇددىتى 2024-يىلى ئاخىرلىشىدىكەن. بۇنداق بولغاندا بۇ 10 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر يېڭى لايىھە چىقىرىپ، خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى كېرەك.

    ئەينى ۋاقىتتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرلىشى ۋە توسۇشى مانا ھازىر ئەمەلگە ئاشمىغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ناھايىتى پۇختا ئېلىپ بېرىلدى. ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان بىر قاتار كىچىك تىپتىكى ئالەم ئۇچقۇلىرى ئېلىمىز ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى بوشلۇق پونكىتى قۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بولۇپمۇ تۇتاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ تەجرىبىلىرى كېيىنكى بوشلۇق پونكىتىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.

    يېقىندا ئېلىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق بۆلۈمچىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئېلىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساش تۈرىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى.

    شۇنىڭدىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ بوشلۇق پونكىتى تۈرى پىلان بويىچە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. پىلانغا ئاساسەن، ئېلىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى 2022-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە پۈتىدىكەن. ئۇ ۋاقىتتىكى بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئۈچ ئاساسىي قىسمى بار بولۇپ، بىر يادرولۇق بۆلمە، ئىككى تەجرىبە بۆلمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھەربىر بۆلمىنىڭ ئېغىرلىقى 20 توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە سەپلىمە بۆلۈمچىنى داۋاملىق كۆپەيتىشنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

    ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى سانائىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەممىگە ئايان. ئېلىمىز ئىزچىل تۈردە سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئالدىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئاينى ئادەمسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان ھەمدە بۇ تېخنىكىنى ئىگىلىگەن ئۈچىنچى دۆلەتكە ئايلانغان.

    ئالەم بوشلۇقى پونكىتى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئالەم بوشلۇقىدا داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغان پەن تەتقىقات تۈرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 17 دۆلەت جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشكەن. كەلگۈسىدە ئېلىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، بۇ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئايلىنىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى