• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئەركەك شىر سىرتلاننى خالىغانچە بوزەك قىلىپ، ئىچ-پۇشۇقىنى راسا چىقاردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:07 19-09-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىر بىلەن سىرتلان ئافرىقا يايلىقىدىكى ئەڭ ياۋۇز ئىككى گۆشخور ھايۋان بولۇپ، شىر سىرتلاننى كۆرگەن يېرىدە ئۇرۇپ، دەسسەپ ئىچ-پۇشقىنى چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە سىرتلانمۇ ئۇنچە بوزەك ھايۋان ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە بىر توپ سىرتلان يالغۇز شىرنى كۆرۈپ قالغان ھامان، قەيەرگە ئالدىراش ماڭغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئولاش-چولاش كېلىپ شىرنى تالاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ماڭىدىغان يولىغا راۋان بولىدۇ.

    سىرتلان ئادەتتە ئەركەك شىرغا قارىغاندا چىشى شىرلارغا بەكرەك ئامراق بولۇپ، ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سىرتلان بىرلىشىۋالسا بىر چىشى شىرنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ، ئۇنى خېلىلا قىينايدۇ ھەم ئاخىرىدا ئۆلتۈرۈۋەتمىگىچە بولدى قىلمايدۇ. لېكىن ئەركەك شىر مەيلى قانچىلىك سىرتلان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ چۈپرەندىلەرگە ئۇنچە ئاسان بوزەك بولۇپ يۈرمەيدىغان بولۇپ، خېلى كۆپ سىرتلاننىڭمۇ يالغۇز قۇرامىغا يەتكەن ئەركەك شىرنى ئۆلتۈرەلىشى تەسكە توختايدۇ.

    ئەمسە بۇ ئىككى ھايۋان نېمىشقا بىر-بىرىگە مۇشۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتكەن؟ ياكى ئۇلار بىر-بىرىنىڭ كۆزىگە باشقىچىلا سەت كۆرۈنەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇنى ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى بەلگىلىگەن بولۇپ، كۆپىنچە چىشى شىرلار ئوۋغا چىقىدىغان ئافرىقا يايلىقىدا ئۇلار بىرەر ئولجىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوۋلاپ، ئۆيدە «تاماق قاچان پىشىدۇ؟» دەپ ئوڭدىسىغا يېتىۋېلىپ، ئەسنەپ ئولتۇرىدىغان ئەركەكلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارغۇچە، تەييارغا ھەييار سىرتلانلار ئىپى كەلگەندە ئۇلارغا ئانچە مۇنچە قاملاشمىغان چاقچاقلارنى قىلىپ، قۇلايلىق بولسا ئولجىنى شۇ يەردىلا تارتىپ ئېلىپ كېتىدۇ. كېيىنچە ئۇلارنىڭ بۇ خۇيى شىرلارغىمۇ يۇققان بولۇپ، شىرلارمۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىسلىتىدىن ئۆگىنىپ، سىرتلان ئوۋ ئوۋلىغان ۋاقىتتا بۇرۇنقى ئۆتنە بەرگەنلىرىنىڭ نەق-نىسىسىنى قويماي ئېلىۋالىدىغان بولدى

    مانا مۇشۇنداق نەچچە مىڭ يىلغا تۇتۇشۇپ كەتكەن ئۆچ ئاداۋەت ھەر كۈنى دېگۈدەك تەكرارلىنىپ ھەم كۈچىيىپ تۇرغاچقا، ئۇلارمۇ بالىلىرى ئەقلىنى بىلگەن ھامان، ئۇلارنىڭ دۈشمىنىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېزىپ چۈشەندۈرۈپ، ئەشەددىي رەقىبلىك، بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن.

    گەرچە سىرتلانلارمۇ شىرغا ئوخشاش توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا پايلاقچىلارغا ئوخشاش ئۆزى يالغۇز ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، كۈچى يەتكۈدەك رەقىبى ئوۋ ئوۋلىغان بولسا شۇ يەردىلا تارتىۋېلىپ، پاكىز يەۋەتكەندىن كېيىن تۇمشۇقىنى بىر يالىۋېتىپلا كېتىپ قالىدۇ. ئالىمادىس كۆزى يەتمىگۈدەك بولسا، دەرھال توپتىكى قېرىنداشلىرىنى چاقىرىدۇ-دە، كۆپنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ، بارغا تەڭ شېرىك بولىشىدۇ. لېكىن يالغۇز سىرتلاننىڭ سىرتتا يۈرۈشىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس بولۇپ، تېخى يېقىندىلا بىر سىرتلان مۇشۇنداق يالغۇز يۈرۈشكە ئامراقلىقى سەۋەبلىك، بۇرنىغا خېلى ئوبدانلا سۇ كىردى.

    بۇ كۈنى يالغۇزلا دالىنى ئايلىنىپ يۈرگەن سىرتلانغا ئىسسىقتا يول يۈرۈش خۇش ياقماي قالغان بولغاچقا، ئۇدۇل كەلگەن يەردىلا يېنىنى يانچە قويۇپ، ئۇزۇلۇپ ياتقاچ «ھاياتلىق ھەققىدە» چوڭقۇر خىياللارغا چۆكۈپ كەتكەن ئىدى. لېكىن كىم بىلسۇن، چۈشلۈك تاماقنى تويغىچە يەپ، ئانچە-مۇنچە تاماق سىڭدۈرگەچ، «ھاۋا يەپ كىرەي» دەپ چىققان ئەركەك شىرمۇ مۇشۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى-دە، ئۆتكۈر بۇرنى ئۆزىگە ئانچە يىراق بولمىغان يەردە تىلىنى ساڭگىلىتىپ ياتقان سىرتلاننىڭ يۇيۇنمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان بەدىنىدىن چىققان سېسىق پۇراقنى پۇراپ قالدى. ئەركەك شىر ئەل ئۆمرىدە خوشى يوق سىرتلاننىڭ بىسوراقلا ئۆز زىمىنىنى «بۇلغاپ»، بۇ يەردە يېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ غۇژژىدە خۇيى تۇتتىدە، ئۇنى ئانچە-مۇنچە ساۋىداپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، سىرتلان ياتقان تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

    تېخىچىلا «پەلسەپەۋى خىياللاردىن باش كۆتۈرەلمەيۋاتقان» سىرتلان، قورقۇنۇچلۇق خەتەر ئۆزىگە خېلىلا يىقىنلاپ كەلگەنگە قەدەر بىخۇدلۇق ئىچىدە ياتماقتا ئىدى. ئاخىرى ئەركەك شىرنىڭ بارا-بارا يېقىنلاپ كېلىۋاتقان قەدەم تىۋىشىنى ئاڭلىغان سىرتلان، بىشىنى خۇش ياقمىغان ھالدا شۇنداقلا ئارقىسىغا بۇرىدى-دە، خېلىلا چوڭ بىر شىرنىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆزلىرى چۆچەكتەك يوغىناپ، تىللىرى كالۋالىشىپ كەتتى. شۇ تاپتا پۈتۈن بەدىنىنى قورقۇنۇچ چىرماپ كەتكەن سىرتلان دەرھال كاللىسىنى سىلكىۋەتتى ۋە چىرايىغا خۇشامەت كۈلكىسىنى يۈگۈرۈتۈپ :«ۋوي، ئالىلىرى، بۇ تەرەپكە ئۆتۈپ قاپتىلا» دېدى-دە، شىر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ بولغۇچە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولدى. چۈنكى يالغۇز سىرتلاننىڭ ئەركەك شىرغا مۇشۇنداق قىلماي، ئەكسىچە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ بەئەينى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىق بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى.


    لېكىن ئۇنىڭ خۇشامەتكە تولغان چىرايى ئەركەك شىرغا بارغانسىرى تېخىمۇ سەت كۆرۈنۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، شىر يۈگۈرگىنىچە كېلىپ، «خوش قېنى يۇقىرىغا ئۆتسىلە ئالىيلىرى» دەپ شالۋاقلىرىنى ئېقىتىپ سۆزلەپ كېتىپ بارغان سىرتلاننىڭ بېشىغا ئالدى قولى بىلەن بىرنى قويدى.


    بۇ بىر «مۇشت»، يەنە كېلىپ بىر يېتىلگەن ئەركەك شىرنىڭ كۈچلۈك مۇشتى قىلچە مۇداپىيە ھالىتىدە تۇرمىغان سىرتلاننىڭ كاللىسىغا شۇنداق «سەت» تەگدىكىن، شىرنىڭ قولىنىلا كۆتۈرگەنلىكىنى غىل-پال كۆرۈشكە ئارانلا ئۈلگۈرگەن سىرتلان تەخمىنەن بەش سىكۇنتتەك نېمە ئىش بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي، كۆزلىرىدىن «يۇلتۇز چاقناپ كەتتى».


    «ئالىيلىرى، مېنى نېمىشقا ئۇرىدىلا؟ دەيمەن» بىكاردىن-بىكار ئېغىر مۇشتنى يەۋالغان سىرتلان ئاران ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن، شىرغا بىزەڭلەرچە تىكىلىپ تۇردى. ئۇنىڭ بۇ «بەزلىك چىقىپ تۇرىدىغان» چىرايىنى كۆرگەن شىرنىڭ جۇدۇنى تېخىمۇ تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىلدى-دە، گەجگىسىدىن چىشلىگەن پېتى يەردە ئوڭدىسىغىلا ياتتى.

    بۇ ۋاقىتتا بىچارە سىرتلاننىڭ ئارقا ئىككى پۇتى «ھاۋا تاپان» بولۇپ قالغان بولۇپ، بىچارە پۇتلىرىنى ھاۋادا توختىماي تىپىرلاتقىنىچە مىڭنى ۋايجانلاپ، «ۋاي رەھىم قىلسىلا!» دەپ كېتىپ باراتتى. شىرمۇ سىرتلاندىن بۇنداق پۇخادىن چىققۇدەك ئۆچىنى ئالىدىغان پۇرسەتنى ئاران تەستە تاپقان بولسا، كېرەك، ئۇنىڭ گەجگىسىنى چىڭ چىشلىگىنىچە، يەردە نەچچە يۇمىلىتىپ، بىچارىنىڭ كۆزىگە كۆرمىگەننى كۆرسىتىۋەتتى.


    ئەركەك شىر سىرتلاننى قويۇپ بەرگەن ھامان، ئۆزىنىڭ سىلىق گەپ كار قىلمايدىغان بىر «باغرى تاش»قا ئۇچراپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن سىرتلان، ئاغرىۋاتقان تېنىنى ئاران سۆرىگىنىچە قېچىپ كەتمەكچى بولدى. لېكىن ئۇ شۇنداقلا قېچىشقا تەمشىلىشىگە شىرنىڭ كەڭ پەنجىلىرى ئۇنىڭ ئورۇق بەدىنىگە شۇنداق قاتتىق تىگەتتىكى، ئاران ئورنىدىن تۇرغان بىچارە يەنە قوپقان جايىدا يېتىپلا قالاتتى. ئەمدى ئۇنىڭ خۇشامەت قىلغۇدەكمۇ ھالى قالمىغان بولۇپ، توختىماي ھۆركىرەۋاتقان ئەركەك شىرغا ياش يۇقى بىلەن تولغان كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ قارىغىنىچە، ئۇنىڭدىن رەھىم-شەپقەت تىلىمەكچى بولدى.

    سىرتلاننىڭ شۇ تاپتىكى كىشىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقىدەك تۇرقى ئەس قېتىپ قالدىمۇ ياكى، ئەركەك شىرنىڭ يەنە بىر يەرگە بارىدىغان ئىشى يادىغا يېتىپ قالدىمۇ، ئۇنى ئۇرۇشتىن توختىدى-دە، ئالدىدا بىچارىلەرچە قاراپ تۇرغان سىرتلانغا ئەگەر ئۇنى بۇدا يەنە مۇشۇ يەردە كۆرۈپ قالسا «تۆت پۇتىنى بىر ئۆتەككە تىقىۋېتىدىغانلىقى»نى دەپ ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.


    ھېسابتا سىرتلاننىڭ بۇ قېتىم خېلىلا تەلىيى كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئەركەك شىر ئۆزىدىن خېلى يىراقلاپ كەتكۈچە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئىچىدىن چىقىرىپ «ئۇف!!!» دېدى-دە، بېشىنى قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بۇ ئۇۋالچىلىققا چىدىماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. بىرەر قۇر يىغلاپ ئىچىنى بوشىتىۋالغان سىرتلان ئەمدى ئىككىنچى بۇ ئىچى قوتۇر شىرنىڭ زىمىنىغا كىرىپ قالماسلىققا نىيەت قىلىۋەتتىدە، ئاغرىپ كەتكەن يانپاشلىرىنى ئانچە مۇنچە يالاپ قويغاندىن كېيىن، سوكۇلدىغىنىچە بۇ يەردىن كېتىپ قالدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى