• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    يەر شارى 146 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى تاپشۇرۇۋالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:00 19-09-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىنسانلار ئىزچىل تۈردە ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىنى چۈشىنىشتىن باشقا يەنە ئىككىنچى يەر شارىنى تېپىش، يەنى ئاتالمىش ئىككىنچى ماكاننى تېپىش كويىدا بولماقتا. ھەممىگە ئايانكى، يەر شارى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بىردىن-بىر ماكانى. لېكىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نوپۇسنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن يەر شارىنىڭ بۇرۇنقىدىن كۆپ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقاۋاتىمىز. يەنە كېلىپ ئۇنى تېز رېمونت قىلىشمۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن ئالىملارمۇ ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئىنسانلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ بەلكىم نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئۆزىنى يوقىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئەھۋال كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ئىنسانلارنى يەنە بىر يەر شارىنى تېپىشقا مەجبۇر قىلغان. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەدرىجىي تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

    ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئىنسانلار مارسنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى ھەمدە مارسنى قانچە چوڭقۇر چۈشەنگەنسېرى، ئۇنىڭغا شۇنچە زور ئۈمىد باغلىدى. ھەتتا ئامېرىكا مارسنى مۇستەملىكە قىلىش ئارزۇسى ۋە پىلانىنى تۈزگەن بولۇپ، يەنە كېلىپ بۇنىڭغا ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت تەييارلىق قىلدى. ئامېرىكا بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مارسقا نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى قويۇپ بەردى شۇنداقلا مارسنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، مارسقا چىقىشقا تېخىمۇ قولايلىق شارائىتلارنى ياراتتى.

    ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئىلگىرى مارسقا قويۇپ بەرگەن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مارستا سۇنىڭ بار-يوقلۇقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش بولۇپ، چۈنكى سۇ بولسا ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بۈگۈنگە قەدەر يەر شارىدىن 146 مىليون كىلومېتىر يىراقلىققا بېرىپ، نۇرغۇن سۈرەتلەرنى ىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ۋە چۈشىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن يەتكۈزۈپ بەرەەن بولۇپ، ئەمما نۇرغۇن سۈرەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە بىر پارچە سۈرەت ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئۇنداقتا بۇ سۈرەتتە زادى نېمىلەر كۆرسىتىلگەن؟

    بۇ تارتىلغان سۈرەتتىن مارسنىڭ قارىماققا ئىنتايىن غۇۋا كۆرۈنگەنلىكىنى بايقىيالايمىز. قرىماققا ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدە خۇددى بىر قەۋەت تۇمان باردەك قىلىدىغان بولۇپ، ئالىملار بۇنى مارس بەلكىم بىر قېتىملىق قۇم-بوراننى باشتىن كەچۈرگەن مەزگىل بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئۈنۈمى چاڭ-توزاننىڭ سەۋەبلىك تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان. بۇ ئەھۋال مارستا شامالنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، بۇمۇ خېلىلا چوڭ مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ. گەرچە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارسنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئەمدىلا بۆسۈپ ئۆتۈشىگە بەزى ئەھۋاللارغا يولۇققان بولسىمۇ، لېكىن مارستىكى ئۇچۇر ۋە سۈرەتلەرنى يەنىلا مۇكەممەل يەتكۈزۈپ بەرگەن.

    بۇ غۇۋا سۈرەت پەقەت ئالىملارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى خالاس. تورداشلار بۇنى كۆرگەندىن كېيىن: «بۇ سۈرەت نېمىشقا بۇرۇنقى مارىسنىڭ سۈرەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بىز كۆرمىگەن بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن، ب كۆرگىنىمىز پەقەت دېڭىزدىكى بىر تامچە خالاس، بەلكىم بۇ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىزگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن» دېگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى