• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنىڭ سۇ باكىغا تۇرۇبا سۈيى قويۇشقا بولمايدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:28 28-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاپتوموبىلنىڭ سۇ باكىغا قانداق سۇ قۇيۇلىدۇ؟

    بىلمەيدىغانلار چوقۇم ئاپتوموبىلنىڭ سۇ باكىغا سۇ قاچىلىنىدىغۇ؟ دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئاپتوموبىلنىڭ سۇ باكىغا توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى قاچىلىنىدۇ، ئۇنداقتا نېمىشقا تۇرۇبا سۈيى قۇيۇشقا بولمايدۇ؟

    ئالدى بىلەن بىز ئاپتوموبىلنىڭ سۇ باكىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بارلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك، لېكىن تۇرۇبا سۈيى ئاسان پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدە يەنە نۇرغۇن ماددىلار بولۇپ، ئاسان داتلىشىدۇ، چىرىيدۇ، ۋەھاكازالار.

    توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىپ، تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىدۇ، يەنە بەلگىلىك تازىلاش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، قىشتا ئاپتوموبىللارغا تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىلسە، توڭلاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن توڭلاشتىن ساقلىنىش سۇيۇقلۇقى نۆلدىن تۆۋەن 40 نەچچە گىرادۇستىمۇ ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

    يەنە سۇ باكىغا توڭلاشتىن ساقلىنىش سۇيۇقلۇقى قۇيغاندا، سۇ باكىدىكى سۇ ئورنىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر سۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاپتوموبىل يۈرگەندە توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى ئايلىنىپ سوۋۇيدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىش ئالاھىدىلىكى بىلەن، توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى تېشىپ كېتىدۇ. قىسقىسى، ئىلاجىسىز قالمىغان ئەھۋالدا ئامالنىڭ بارىچە سۇ قۇيۇشقا بولمايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى