• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئەگەر ئالما سىستېمىسى ئاندىرويىد يانفونىغا قاچىلانسا...

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:17 28-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەگەر ئاندىرويىد يانفونىڭىزغا ئالما سىستېمىسى قاچىلانسا، قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەردە مۇشۇنداق ئويلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن.

    ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئالما يانفونلىرىنىڭ سىستېمىسى ياخشى بولۇپ، قېتىۋېلىش ئەھۋالى ئاز كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئالما سىستېمىسى قاتتىق دېتالى سەپلىمىسى ناھايىتى ياخشى ئاندىرويىد يانفونىغا قاچىلانسا، قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟

    چەتئەللىك بىر ھەۋەسكار iOS سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شياۋمى يانفونىغا قاچىلىدى، بىراق شۇنى بايقىدىكى، يانفوندا نۇرغۇن يوچۇق پەيدا بولغان بولۇپ، نورمال ئىشلەتكىلى بولمىغان، بۇ نېمە سەۋەبتىن؟

    بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن ئالما سېستىمىسىنىڭ قانداقلىقىنى چۈشىنىۋىلىشىمىز كېرەك، ئەجەبا ئالما سىستېمىسى راستلا شۇنچىلىك ياخشىمۇ؟

    ئالما سىستېمىسى راستلا ياخشى، بىراق ئالمىنىڭ ئەڭ قالتىسلىقى بۇلا ئەمەس، ئۇ بولسىمۇ، سىستېما بىلەن قاتتىق دېتالنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل بىرىكىشى.

    بۇنى نۇرغۇن ئاندىرويىد يانفونلىرى ئورۇنداپ بولالمايدۇ، چۈنكى كۆپ ساندىكى ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ ھەممىسى باشقا زاۋۇتلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىدۇ، سىستېمىمۇ گۇگولنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىسى. بىراق ئالمىنىڭ كۆپ ساندىكى يادرولۇق دېتاللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، تىزگىنلەش، پارامېتىر ۋە ئالما سىستېمىسىغا قارىتا ئالاھىدە ئەلالاشتۇرۇشنىڭ ھەممىسى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ، بارلىق دېتاللىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا ماس كېلىدۇ.

    ئاندىرويىد سودىگەرلىرى بىلەن ئالما ئوخشاش بىر قارتا ئوينىغاندا، ئاندىرويىد تەلىيىگە قاراپ قارتا ئېلىپ ئاندىن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغىنىنى بىرىكتۈرۈپ چىقىدۇ. بىراق ئالما بارلىق قارتالارنى ئالدىغا يېيىپ بىۋاستە تاللايدۇ، ھەتتا يېڭىدىن قارتا تۈزۈش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى قارتا ئويۇنىنى شەكىللەندۈرىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى