• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بۇ بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ «يۇلتۇزى ئېلىۋېتىلدى»

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:39 27-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مەسىلە ئاز ئەمەس، بۇ بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ «يۇلتۇزى ئېلىۋېتىلدى»

    «باھاسى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ باھاسى،

    ئەمما ئەسلىھەلىرى يېڭى ئەمەس،

    مۇلازىمىتى ئەتراپلىق ئەمەس».

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،

    بەزى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق بولماي قېلىۋاتىدۇ،

    بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپلا قالماي،

    مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشقا پايدىسىز.

    8-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەملىكەت بويىچە ساياھەتتىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنى باھالاش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، بىر قىسىم بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان. «يۇلتۇزى تارتىلغان» مېھمانخانىلاردا قانداق ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت؟ «يۇلتۇزنى تارتىۋېلىنىپ» بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بارمۇ؟ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

    قاتمۇ-قات مەسىلە بار بۇ مېھمانخانىلارنىڭ «يۇلتۇزى تارتىۋېلىندى»

    مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تارماقلار ئاشكارىلىغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، «يۇلتۇزى تارتىلغان» بەش مېھمانخانا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تيەنجىن يەنيۈەن خەلقئارا مېھمانسارىيى (ئەسلىدىكى شېراتون مېھمانخانىسى)، تيەنجىن بىنخەي ئىستىراھەت مېھمانسارىيى، شاڭخەي يۈجىڭ مېھمانخانىسى، چۇڭچىڭ خىلتون مېھمانسارىيى، چۇڭچىڭ دىيەنيا دەيسى خەلقئارا مېھمانخانىسى، يەنە لياۋنىڭ، چۇڭچىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، خېنەندىكى كۆپلىگەن مېھمانسارايلار 12 ئاي ئىچىدە ئۆزگەرتىلىشكە بۇيرۇلدى.

    مۇخبىرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى كونىراپ كاردىن چىققان، ئوت ئۆچۈرۈش يولى نورمال ئىشلىتىلمىگەن، ئامانلىق ساقلىغۇچى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ بىخەتەرلىك خادىمى قاتارلىقلار جايىدا بولمىغان. ئىككىنچى، تازىلىق مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان. دېزىنفېكسىيەلەش ئۆيى تولۇق سەپلەنمىگەن، ئاممىۋى رايون، مېھمانخانا، ئاشخانىنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇش ئۆلچەمگە يەتمىگەن. ئۈچىنچى، قىسمەن ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش، ئاسراش ياخشى بولمىغانلىقتىن نورمال ئىشلەتكىلى بولمىغان، بەلگە سىستېمىسى كونىراپ كەتكەن. تۆتىنچى، خادىملارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى ئاجىز، مۇلازىمەت ئىقتىدارى يېتەرسىز بولغان، ئۆلچەم تەلەپ بويىچە مۇناسىپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمىگەن.

    مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، «يۇلتۇزى تارتىلغان» چۇڭچىڭدىكى دىيەنيا دەيسى خەلقئارا مېھمانسارىيىدا مېھمان كۈتۈش مۇلازىمىتى يوق ئىكەن، ياتاقلارنىڭ ھاۋا سۈپىتى ناچار، ئارقا سۇپىدا قوغداش كەمچىل بولۇش، بۇزۇلۇش ئېغىر بولۇش، تازىلىق باشقۇرۇش پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىش، ئەسلىھە ئۈسكۈنىلىرى كونا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن. چۇڭچىڭ خىلتون مېھمانسارىيىمۇ زۆرۈر مۇلازىمەت تۈرى كەمچىل بولۇش، تازىلىق، ئوت مۇداپىئەسى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت بولۇش، مۇلازىمىتى قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن «يۇلتۇزى تارتىلغان» مېھمانخانىلار قاتارىغا كىرىپ قالغان.

    شاڭخەي شەھەرلىك ساياھەتتىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنى باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ تيېمىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «يۇلتۇزى تارتىلغان» مېھمانخانىدىن شاڭخەيدە بىرى بار، چوقۇم مۆھلەت ئىچىدە ئۆزگەرتىدىغان بەش مېھمانخانىدىكى مەسىلىلەرمۇ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، تازىلىق مەشغۇلاتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە زۆرۈر بولغان تۈرلەرنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن.

    مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مىنىستىرلىق بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە ئون نۇقتىلىق ئۆلكىدىكى بىر قىسىم بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنى ئۈچ نۆۋەت يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ تەكشۈرگەن، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن 20سىنى يۇلتۇز دەرىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلغان.

    مېھمانخانىلار «يۇلتۇز تارتىۋېلىش»قا پەرۋا قىلامدۇ؟

    ئۇزۇندىن بۇيان، «بەش يۇلتۇز»غا ئېرىشىش مېھمانخانىلارنىڭ قاتتىق دېتال ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئەلا كاپالىتى دەپ قارىلاتتى. «يۇلتۇزى تارتىۋېلىنسا» «بەش يۇلتۇزلۇق» مېھمانخانىلار «يۇلتۇزسىز»غا ئۆزگىرىدۇ، بۇ ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئالاقىدار مېھمانسارايلارنى ئۈنۈملۈك تۈزەشكە پايدىلىقمۇ؟

    بىر ساياھەت كوپىراتىپىدىكى مەسئۇلىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، مېھمانخانىلارنىڭ «يۇلتۇزى تارتىلغان» دىن كېيىن ئۇلار يۇقىرى پايدا ئالغىلى بولىدىغان بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئېھتىياج بازىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. بىر قىسىم ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنىڭ «يۇلتۇزى تارتىلغان»دىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىدىكەن.

    بېيجىڭ ئىككىنچى چەتئەل تىلى شۆيۈەنى ساياھەت ئىلىمى شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى، دۆلەت دەرىجىلىك يۇلتۇز دەرىجىسىنى باھالىغۇچى گۇ خۇيمىن مۇنداق دەپ قارىدى: يۇلتۇز دەرىجىسىنى باھالاش دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك، «يۇلتۇزنى تارتىش» ئۆلچەمنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، مېھمانخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى قوغداش ئارقىلىق ساھەنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.

    ئەمما نۇرغۇن كەسپى زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە «يۇلتۇز تارتىش» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىلارغا بولغان تەسىرى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىغان. ھەتتا يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن «يۇلتۇزىنى تارتىش»نى ئىلتىماس قىلىپ ياكى «ئۆزى ئېنىقلىما بېرىپ» «كاتتا» بولۇۋېلىپ، يۇلتۇز دەرىجىسىنى باھالاش ئۆلچىمىنىڭ چەكلىمىسىدىن دالدىلانغان.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇچۇر ئاشكارىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، «يۇلتۇز تارتىش» بېسىمى كۆپ ھاللاردا بازارنىڭ ئالدىنقى قىسمىغا يېتىپ بارالمىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۈنۈملۈك تىجارەت بېسىمى شەكىللەنمىگەن، «ناچار باھا» يېغىپ كەتكەن نۇرغۇن مېھمانخانىلارنىڭ خېرىدارلىرى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ بولغان. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، بېيجىڭ چاڭئەن مېھمانسارىيى، زىبو ئەسىر مېھمانخانىسى قاتارلىقلار ئىلگىرى «يۇلتۇزى تارتىلغان» مېھمانخانىلار بولغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا بۇ مېھمانخانىلاردىن ياتاق زاكاز قىلىش تەس بولغان، بېيجىڭدىكى مەلۇم ئارىشاڭ دەم ئېلىش مېھمانسارىيىنىڭ خىزمەتچىلىرى ھەتتا مۇخبىرغا « يۇلتۇز تارتىلغاندىن كېيىنمۇ ياتاق باھاسىنىڭ ھېچقانداق تەڭشىمىگەنلىكىنى» ئېيتقان.

    «يۇلتۇز دەرىجىسى ماركىسى»نى قانداق گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؟

    جۇڭگو ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ساياھەت مېھمانخانىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ رۈنگاڭ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى يۇلتۇز دەرىجىسىنى باھالاش تۈزۈمىنىڭ چىقىش يولى، دەپ تەكلىپ بەردى. بىرىنچىدىن، بازارلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كەسپىي ئىسپات بېرىش ئاپپاراتى باھالاپ بېكىتىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، دۆلەتنىڭ ئىسپات بېرىش، ئېتىراپ قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىرگۈزۈپ، يۇلتۇز دەرىجىسىنى باھالاش ئۆلچىمىنى بازارلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش ئارقىلىق «يۇلتۇز دەرىجىسى ماركىسى» نى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

    مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلار «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قوش ئىختىيارىي، دائىملاشتۇرۇش» بويىچە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىنىپ تەكشۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، «ساياھەت مېھمانخانىلىرىنىڭ يۇلتۇز دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە باھالاش» تىكى دۆلەت ئۆلچىمى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ.

    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/vfm0OWPIAvkoxEdGLCU-ew


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى