• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كىم قىلغان؟ تاشلاندۇق قۇرۇلۇش ئاستىدا 60 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بانكىغا تۇتاشقان لەخمە بايقالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:31 27-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    لەخمە بايقالغان ئىمارەت

    چىلى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 24-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، چىلى ۋارپالېسودا شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن كۈندىلىك مەشىق ۋاقتىدا، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىر خارابىلىك ئىمارەت ئىچىدە بانكىغا تۇتىشىدىغان بىر لەخمىنى بايقىغان.

    لەخمە تەخمىنەن 60-70 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، يۆنىلىشى يېقىن ئەتراپتىكى بانكىغا قاراپ ياسالغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى لەخمىنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال شۇ جايدىكى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان.


    ساقچى تەرەپ لەخمە ۋە ئەتراپقا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: لەخمە ئىچىدە ھەرىكەت ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىچىدە يەنە بوتۇلكىلىق مىنېرال سۇ، كىيىم-كېچەك، تاماكا، پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى تازىلايدىغان ئۈسكۈنە، ھەتتا يەنە بىر كىچىك تىپتىكى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىسى بايقالغان.

    لەخمە ئەتراپىدىكى پارچە نەرسىلەرنىڭ ھالىتىدىن بۇ لەخمىنىڭ يېقىندا قېزىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرگە كىرىش ئاسان ئەمەس بولۇپ، ئالدى بىلەن شوتا ئارقىلىق بۇ خارابىلىككە ئايلانغان ئىمارەتنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىگە يامىشىپ چىقىشقا توغرا كېلىدىكەن، ئاندىن ئۈچىنچى قەۋەتتىن بىرىنچى قەۋەتكە چۈشىدىغان بولۇپ، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بىرىنچى قەۋەتتىن لەخمىگە كىرگىلى بولىدىكەن.

    ھەر خىل ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ساقچىلار لەخمىنى قېزىشتىكى نىشان يېقىن ئەتراپتىكى بانكىنىڭ بىخەتەرلىك ئىسكىلاتى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان. نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ بارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق بارماق ئىزى، DNA قاتارلىق ئىسپاتلارنى توپلاۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدەۋېتىپتۇ.

    بۇ خەۋەرمۇ تورداشلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە مۇنازىسىنى قوزغىغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى