• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    شاپتۇل يەپ بولغاندىن كېيىن قورسىقىڭىز كۆپۈپ ئاغرىمدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:43 26-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شاپتۇل ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول مېۋە، شاپتۇل تالاسى قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قاننى ياخشىلايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق بولغاندىكىن، قويۇۋېتىپ يېسە، ھەتتا تاماق ئورنىدا يېسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ خىل قاراش خاتا، شاپتۇل گەرچە ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بىر قېتىمدا بەك كۆپ يېسە بولمايدۇ، بولمىسا ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ.


    شاپتۇل تەركىبىدە كۆپ مىقداردا پايدىلىق تالا بار، بولۇپمۇ قاتتىق شاپتۇلنى كۆپ يېگەندە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شاپتۇلنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرىراق بولۇپ، كۆپ يېسە ئۈچەي ئاسانلا سۇسىزلىنىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ.
    مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، شاپتۇل گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، ئەڭ ساغلام يېيىش ئۇسۇلى بىر كۈندە ئىككىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىغانلار، شاپتۇل تۈكىگە زىيادە سېزىمچانلار ۋە ياشانغانلار، بالىلار شاپتۇل يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ، بىر كۈندە ئىككىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك!

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى