• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كېنىيە تەبىئىيلىكنى قوغداش رايونىدا بىر جۈپ قاپلان «سېرك ماھارىتى» كۆرسەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:40 26-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىق فوتوگراف ترىش خېننېسى توردا كېنىيە سامبۇرۇ دۆلەتلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونىدا تارتىلغان سۈرەتنى ھەمبەھرلىدى، سۈرەتتە بىر جۈپ قاپلاننىڭ سوقۇشقان قىزىقارلىق كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ھەتتا سەكرەپ يەنە بىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان.

    بۇ يىل 6-ئايدا 61 ياشقا كىرگەن ترىش سامبۇرۇ دۆلەتلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونىدىكى تۇنجى كۈنلۈك ئوۋ ئوۋلاش پائالىيىتىدە بۇ سۈرەتنى تارتىۋالغان، ئىككى قاپلان دەسلىپىدە چىملىك ئارىسىدا قوغلىشىپ ئوينىغان، تۇيۇقسىز كومېدىيەلىك كۆرۈنۈشكە ئۆتۈپ، ئىككى قاپلان تاش ئۈستىدە بىر-بىرىنى چىشلەشكەن، ئىككىسىنىڭ سوقۇشقان كۆرۈنۈشى خۇددى «سېرك ماھارىتى»گە ئوخشاپ قالغان، بىرى بوشلۇقتا يەنە بىرىنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپ، يەنە بىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان.

    ترىش مۇنداق دېدى:«مەن بۇ سۈرەتلەرنى تارتقاندا بەكلا خۇشال بولۇپ ياشلىرىم چىقىپ كەتتى، بەكلا تەلەيلىك ھېس قىلدىم، تۇنجى كۈنى مۇشۇنداق قالتىس سۈرەتنى تارتىۋالدىم. بۇ ئىش بەكلا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەچكە كامېرا تەڭشىكىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيتتىم، ئەمما بۇ سۈرەتلەر ناھايىتى ياخشى تارتىلدى.»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى