• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 14:29 26-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يىڭچۇن خەۋەر قىلىدۇ: تام رەسىملىرى ئېنىق كۆرۈنىدىغان بولدى، مىس جابدۇقلارنىڭ ئەسلىي قىياپىتى قايتا نامايان قىلىندى، ھۆججەتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ يېڭىلاندى... رېمونت قىلىش خىزمەتچىلىرىنىڭ جانسىز نەرسىنى جانلىق نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان بىر جۈپ ئەپچىل قولى ئىسكىلاتتا قاتتىق ئۇيقۇدا ياتقان بۇزۇلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتىدىن نۇرلاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

    «2011- يىلى، بىز توقۇلما بۇيۇم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، <رېمونت> شەكلى ئارقىلىق، نەچچە يۈز توقۇلما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى رېمونت قىلىش خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ رېمونت قىلىش تېخنىكىسى ۋە سەۋىيەسىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇپ ۋە ئۆستۈرۈپ، بىرقەدەر ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.» 8- ئاينىڭ 24- كۈنى، جۇڭگو يىپەك يولى مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى جاۋ فېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم شىنجاڭغا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىش تۈرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا كېلىپ، بۇزۇلغان توقۇلما بۇيۇملارنىڭ خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ رېمونت قىلىشى ئارقىلىق پاكىز، مۇكەممەل ھالەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇق.

    جۇڭگو يىپەك يولى مۇزېيىلا ئەمەس، يەنە جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى، دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتى، نەنجىڭ مۇزېيى قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭدا خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىشقا ياردەم بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم قىممەتلىك، مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى رېمونت قىلدى.

    ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا زور مىقداردىكى مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار بولۇپ، ئادەتتە كۆرگەزمە قىلىنىدىغىنى ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئىكەن، كۆپ قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۇزاق مۇددەت ئىسكىلاتتا ساقلىنىدىكەن. بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قانداق ياخشى رېمونت قىلىش، قوغداش ئىزچىل كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

    2010- يىلى مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى تۈرلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، كۆپ قېتىم دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بىرلەشمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئېلىپ بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى دۆلەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىرىك پىلانى ئومۇمىي دائىرىسىگە كىرگۈزدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى قىلىندى.

    «2011- يىلى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى شىنجاڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان تام رەسىملىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىش كەسپى بويىچە تۇنجى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، ئورنى شىنجاڭ مۇزېيىدا بولۇپ، ئەينى چاغدا دۆلەت ئىچىدىكى مول كەسپىي بىلىم ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۇرسانتلارغا نەزەرىيە دەرسى ئۆتتى ۋە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، بۇ كۇرسانتلار تام رەسىملىرىنى رېمونت قىلىش ئاساسىي نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدى ھەم ئەمەلىي مەشغۇلات ماھارىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىدى» دېدى شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋەن جيې.

    شۇنىڭدىن كېيىن، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى نۇقتىلىق پەن تەتقىقات بازىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى قەغەز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش بازىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى، دۆلەت قەدىمكى تام رەسىملىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى قاتارلىقلارغا ئارقا - ئارقىدىن ۋىۋىسكا ئېسىلدى، شىنجاڭ مۇزېيى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى زورايتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەپ، بىرونزا قوراللار، توقۇلما بۇيۇملار، تام رەسىملىرى، قەغەز ھۆججەت قاتارلىق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلدى.

    دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، جۇڭگو مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات يۇرتى، غەربىي شىمال داشۆسى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش خىزمەتچى خادىملىرىغا تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىش بىلىملىرى، رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگەتتى.

    «ئىلگىرى، شىنجاڭ مۇزېيى بىر يىلدا پەقەت بىرلا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى رېمونت قىلالايتتى. ھازىر بىر يىلدا نەچچە ئون مەدەنىيەت يادىكارلىقى، جۈملىدىن بىرونزا قوراللار، توقۇلما بۇيۇملار، لاي ھەيكەل تام رەسىملىرى قاتارلىقلارنى رېمونت قىلالايدۇ، بۇ ئىلگىرى ئويلاپمۇ يەتكىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى» دېدى ۋەن جيې ھاياجانلانغان ھالدا.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى