• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    مەكتەپلەر ئەتراپىدا ئاپتوموبىل توختاتقاندا دىققەت قىلىڭ

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 14:26 26-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى. تيانشان رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەتراپىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە يازلىق تەتىلدە ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلدى، شەرقىي ئايلانما يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىسى پەن شىلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلىنىدۇ، كۆپچىلىك چوقۇم بۇ بەخت يولى 15- باشلانغۇچ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول بۆلىكى ۋە بەخت يولى 13- ئوتتۇرا مەكتەپ درۋازىسى ئالدىدىكى يول بۆلىكىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، بىز بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىشنى ئېلېكتىرونلۇق سۈرەتكە ئېلىش سىستېمىسى ئورناتتۇق، كۆپچىلىك بۇ يەردە ئاپتوموبىل توختىتىپ بالىلارنى ئاپىرىپ ـ ئەكەلگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، يەنە بەش يۇلتۇز جەنۇبىي يولىدىكى 80- ئوتتۇرا مەكتەپ، «1ـ ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپى يول بۆلىكىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىشنى ئېلېكتىرونلۇق سۈرەتكە ئېلىش سىستېمىسى ئورناتتۇق.

    پەن شىلياڭ يەنە بەخت يولى ۋە تەنتەربىيە سارىيى يولىدا، تاق يۆنىلىشلىك يولنى سۈرەتكە ئېلىش سىستېمىسى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، كەڭ شوپۇرلارنىڭ بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل يولىدا مېڭىشىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پەن شىلياڭ يەنە ئاتا ـ ئانىلارغا ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئەتىگەندە مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا چىقىپ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇشنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بالدۇرراق ئۆيدىن چىقىشى كېرەك، سائەت توققۇزدا بەخت يولىدا ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش ئىش ئورنىغا چىقىمىز، كۆپچىلىك چوقۇم قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى كېرەك، ئىتتىپاق يولىدا 10- باشلانغۇچ مەكتەپ يەنە 16- ئوتتۇرا مەكتەپ بار، ئەتىگەن ۋە كەچتە قاتناش قىستاڭچىلىقى بەك ئېغىر، شۇڭا جۇجياڭ يولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان قىسىمى ياكى يەنئەن شىمالىي يولىدىن ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ، 10- باشلانغۇچ مەكتەپ يول بۆلىكىدە كۆپچىلىك قوش سىزىقتىن ھالقىپ كەينىگە بۇرۇلسا بولمايدۇ، قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختاتسا بىز ھەر ۋاقىت DV ئارقىلىق سۈرەتكە ئالىمىز. بەلگە سىزىقىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئۈچ نومۇر خاتىرىلەپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.»

    مەنبە: 新疆1074交通文艺广播

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/lI1AJpel-w2GzqTKsPx6Nw


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى