• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    لېۋاندوۋىسكى گېرد مۇللېرنىڭ يەككە مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى نىشانلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:25 26-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىسىنى تاماملىدى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇمچىسى لېۋاندوۋىسكى بۇ ئىككى ئايلانمىدا ئىنتايىن قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى ھەمدە ئىككى مەيداندا بەش توپ كىرگۈزدى.«سۈرەت گېزىتى» لېۋاندوۋىسكىنى ماختاپ: «ئۇ بۇ ئۈنۈمىنى داۋاملاشتۇرالىسا يەككە مۇسابىقە پەسلىدە كىرگۈزگەن توپى 85كە يېتىدۇ»، دېگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، «سۈرەت گېزىتى» يەنە لېۋاندوۋىسكىنىڭ بايرېن مىيۇنخېن ۋە گېرمانىيەنىڭ رىۋايەتلىك ھۇجۇمچىسى گېرد مۇللېرنىڭ يەككە مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈپ رېكورتىنى بۇزالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ بۇ رېكورتنى بۇزۇشىدىكى ئىككى چوڭ قورالىنى ئانالز قىلىپ چىققان.

    گېرد مۇللېر 1971/1978-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە 40 توپ كىرگۈزۈپ گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ يەككە مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ياراتقان، «سۈرەت گېزىتى» لېۋاندوۋىسكىنىڭ بۇ رېكورتنى بۇزماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

    «سۈرەت گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىختىيارى توپ ئىقتىدارى بىلەن بايرېن مىيۇنخېن يېڭىدىن قوشۇۋالغان كوتىنھو لېۋاندوۋىسكىنىڭ گېرد مۇللېرنىڭ رېكورتىنى بۇزۇشىدىكى ئىككى چوڭ قورالى بولۇپ، ئۇ شالك 04 بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئىختىيارى توپ ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ قويدى، گەرچە مۇسابىقىدىن كېيىن يارىلىنىش سەۋەبلىك بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىختىيارى توپ مەشىق قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىختىيارى توپ ئىقتىدارىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن قالتىس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كوتىنھونىڭ بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلۇشى لېۋاندوۋىسكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ توپ كىرگۈزۈشىگە ياردەم قىلالايدۇ. «سۈرەت گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوتىنھو لېۋاندوۋىسكىنىڭ ياخشى ھەمراھى بولالايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پاسلىرى لېۋاندوۋىسكىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشتۈرەلەيدىكەن.

    لېۋاندوۋىسكى بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلغاندىن كېيىن گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە ھەر 99 مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزۈشتەك يۇقىرى ئۈنۈمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، بۇ ھەتتا گېرد مۇللېرنىڭ ئۈنۈمىدىنمۇ يۇقىرى ئۈنۈم ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى گېرد مۇللېر بىر توپ كىرگۈزۈشتە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 105 مىنۇت سەرپ قىلغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى