• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    تورغا مۇنداق ۋىدىيو يوللاپ قولغا ئېلىنغان مىليونېر!

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:21 03-08-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، تور ئادرېسىدا 19 دېگەن رەقەم بار مەلۇم تور بېكىتى ناھايىتى كۆپ كىشىنى جەلپ قىلغان. بۇ تور بېكىتىدە نەچچە ئون مىڭلىغان سېرىق مەزمۇندىكى ۋىدىيو بولۇپ، ئەزا سانى مىليونغا يەتكەن، يەنە كېلىپ بۇ تور بېكىتىنىڭ مەزمۇنلىرى داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدىكەن.توردىكى ئىسمى "خاڭ ئەپەندى" بولغان بىرەيلەن بۇ توردىكى ئاكتىپ ئەزا بولۇپ، ئۇنىڭ تورغا يوللىغان ۋىدىيو سانى ئەڭ كۆپ، كۆرۈنۈشى سۈزۈك بولغاچقا باشقا ئەزالار ئۇنى "پېشۋا" دەپ ئاتىغان. بۇ ئاتالمىش "پېشۋا" 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە 100گە يېقىن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، بۇنى ۋىدىيوغا ئىلىپ، مۇشۇ تور بېكىتىدە تارقاتقان شۇنداقلا سېتىپ پايدا ئالغان."خاڭ ئەپەندى"نىڭ كىشىلەر ئاغزىدىكى "پېشۋا" بولۇپ قېلىشىنىڭ ئۇنىڭ ئىككى ھەمكارلاشقۇچىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ياڭ فامىلىلىك ئوقۇغۇچى، ئۇ "خاڭ ئەپەندى"نىڭ تارتقان ۋىدىيوسىنىڭ چەتئەلدە تارقىلىشى ۋە سېتىلىشىغا مەسئۇل. سېرىق مەزمۇندىكى ۋىدىيودىن كەلگەن پايدىنىڭ%80نى "خاڭ ئەپەندى" ئالىدۇ، بۇ پۇل دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم بانكا ھېساباتىغا ئۇرۇلىدۇ، بۇ بانكا ھېساباتىنى ئاچقۇچى لىيۇۋ فامىلىلىك بولۇپ، لىيۇۋ فامىلىلىك ئەمەلىيەتتە "خاڭ ئەپەندى"نىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭ توردىكى بىر مەستانىسى بولۇپ، ئۇ نەنجىڭدىكى مەلۇم فىرانسىيە مەبلىغىدىكى شىركەتتە ياش ئىنژېنېر. ئۇ "خاڭ ئەپەندى"نىڭ پۇلىنى يىغىشقا مەسئۇل، شۇنداقلا بۇ پۇللارنى دوللارغا ئالماشتۇرغاندىن كىيىن، "خاڭ ئەپەندى"نىڭ ئامېرىكىدىكى ھېساباتىغا يۆتكەيدۇ. شۇنداقلا ئون مىڭ يۈەنگە 100يۈەندىن 200يۈەنگىچە تاپان ھەققى ئالىدۇ."خاڭ ئەپەندى" ۋىدىيو تارتىدۇ، ياڭ فامىلىلىك تارقىتىشقا مەسئۇل بولىدۇ، لىيۇۋ فامىلىلىك بولسا پۇل يىغىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، "خاڭ ئەپەندى"نىڭ سېرىق مەزمۇندىكى ۋىدىيوسىنىڭ قانۇنسىز تارقىلىشى ۋە سېتىلىشى ئاللىقاچان مۇكەممەل زەنجىر شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۈچەيلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەن. ھەقىقىي سالاھىيىتى ھەققىدە، بۇ ئۈچەيلەن بىر-بىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقمىغان. "خاڭ ئەپەندى"نىڭ بۇ قىلمىشى ئۇنىڭدا ئىنتايىن كۈچلۈك قارشى رازۋېدكا قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.مۇشۇنداق قىلىپ، ئۈچەيلەن بىرلىشىپ 100گە يېقىن سېرىق مەزمۇندىكى ۋىدىيو ساتقان، ئەگەر جېجياڭ لىشۈيدىكى ساقچىلار دەل ۋاقتىدا دېلونى پاش قىلمىغان بولسا، بۇ سان ئېنىقلا داۋاملىق ئۆرلەيتتى.2017-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى جەمئىيەتكە «مايسىلارنى ئاسراش 2017» مەخسۇس ھەرىكىتى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى تىپىك دېلولارنى ئېلان قىلغان، جېجياڭ «12.26» پەۋقۇلئاددە زور شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ پايدا ئېلىش دېلوسى مەملىكەت بويىچە «سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تازىلاش، قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى «مايسىلارنى ئاسراش 2017» مەخسۇس ھەرىكىتى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە تىپىك دېلو بولۇپ قالغان. «12.26» دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، لىشۈي ساقچى تەرەپ «خاڭ ئەپەندى»نىڭ بۇ تور بېكىتىدە شەھۋانىي ۋىدىيو ساتقانلىق يىپ ئۇچىنى بايقىغان، شۆبە ئىدارە دەرھال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ بۇ دېلونى مەخسۇس تەكشۈرگەن ھەمدە بۇ دېلونى قاتلاممۇ قاتلام يۇقىرىغا يوللىغان.ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەرەققىيات رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ مولېي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ گەپكە سېلىش، توردا پاراڭلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئوخشىمىغان ئاياللار بىلەن ئۇچرىشىپ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش جەريانىنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىپ، 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە بولغان باھادا تور بېكىتىدە ساتقانلىقىنى، زىيانغا ئۇچرىغان ئايالنىڭ 300دىن ئاشقانلىقىنى، دېلوغا چېتىشلىق سوممىنىڭ 5مىليون يۈەندىن ئاشقانلىقىنى بايقىغان. ۋاڭ فامىلىلىك بولسا دەل بۇ تور بېكىتىدىكى "خاڭ ئەپەندى" ئىدى.2018-يىلى 1-ئايدا "خاڭ ئەپەندى" ۋاڭ مولېي شاڭخەيدە قولغا چۈشكەن.ئىگىلىنىشىچە، "خاڭ ئەپەندى"نىڭ بويى 1مېتىر 80 بولۇپ، ئەنگلىيەدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن، ئۇ شاڭخەيدىكى مەلۇم چەتئەل مەبلىغىدىكى شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىكەن، يىللىق كىرىمى نەچچە مىليونغا يېتىدىكەن، ئايالىمۇ ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، تېخى ئوماق بىر قىزى باركەن. ئائىلىسىمۇ ناھايىتى بەختلىك ئىكەن. ئەسلىدە كىشىنىڭ مەستلىكى كېلىدىغان تەقى-تۇرقى، خىزمىتى، ئائىلىسى بار بۇ بەختلىك ئەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەتچىگە ئايلانغان.ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئايرودۇرۇم، مېھمانخانىلارغا كۆپ بارىدىكەن، بۇ جەرياندا دائىم ناتونۇش ئاياللار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدىكەن. مۇشۇنداق قىلىپ ئۇ مۇھەببەت ئالدامچىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ۋاڭ فامىلىلىك سېرىق تور بېكەتلەرنى كۆرۈۋاتقاندا، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆزى تارتقان ۋىدىيونىمۇ يوللايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، "خاڭ ئەپەندى" دېگەن ئىسىم بىلەن توردا ئۆزى تارتقان سېرىق ۋىدىيونى يوللاشقا باشلىغان. ئۇ تارتقان ۋىدىيو بەكلا سۈزۈك، شۇنداقلا ئۆزى رول ئالغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. بىر مەھەل "خاڭ ئەپەندى" نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ چوقۇنغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ نامى چىقىشى بىلەن، مەستانىلىرىمۇ كۆپەيگەن، بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ فامىلىلىكتە بۇ ۋىدىيولار ئارقىلىق پۇل تېپىش ئويى پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تارتقان ۋىدىيولىرىغا باھا قويۇپ، توردا ئاشكارا سېتىشقا باشلىغان.قولغا ئېلىنغاندىن كىيىن ۋاڭ فامىلىلىك: ئىشنىڭ بۇنداق ئېغىرلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. بۇنى مەن پەقەت ئەخلاق مەسىلىسى، قانۇنغا چېتىلمايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن دېدى.2018-يىلى 7-ئايدا، لىشۈي شەھىرى ليەندۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا ئوچۇق سوت ئاچقان. لىشۈي شەھىرى ليەندۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنداق دەپ قارىغان: ۋاڭ فامىلىلىك، ياڭ فامىلىلىك، ليۇ فامىلىلىكلەر پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، شەھۋانىي بۇيۇملارنى ياساپ، ئېلىپ ساتقان، قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىر بولۇپ، شەھۋانىي بۇيۇملارنى ياساپ، ئېلىپ سېتىپ پايدا ئېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن.ئاخىرىدا ۋاڭ فامىلىلىككە 11 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. ھەمدە 400 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان، ياڭ فامىلىلىككە مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ھەمدە 150 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. ليۇ فامىلىلىككە مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، بەش يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، ھەمدە 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 836000 يۈەن مۇسادىرە قىلىنغان.چەتئەل كارخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى، ياش ئىنژېنېر بۇ ئۈچەيلەننىڭ كەلگۈسى ناھايىتى پارلاق بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ئىستىقبال قەدىمى توختاپ قالغان. بەلكىم "خاڭ ئەپەندى" قولغا ئېلىنسا، يەنە X ئەپەندىلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ قېتىم بايقالغان تور بېكەتلىرى تاقالسا، يېڭى تور بېكەتلىرى ئېچىلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ھەرقانچە ھىيلىگەر تۈلكىمۇ ئوۋچىغا تەڭ كېلەلمەيدۇ.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش تارماقلىرى قانات يايدۇرغان كۆپ تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، شەھۋانىيلىققا، قانۇنسىزلىققا چېتىلىدىغان دېلولارنىڭ ھەر قاندىقى قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى