• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بايىنغولىن ئوبلاستىدا 118 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش»تىن بەھرىمەن بولدى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 18:15 02-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز لياۋ جۈن) «مەن دوختۇرخانىدىن چىققىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى، دوختۇرخانىدا ياتقاندا پۇل تۆلىمىدىم، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئاتچوت قىلدۇرغاندىن كېيىنكى ئۆزۈم تۆلەشكە تېگىشلىك قىسمىنى تۆلىدىم.» 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى خارمودۇن بازىرى ئۇلانغازار كەنتى ئاھالىسى يۈەن گۈيخۇا مۇنداق دېدى: مەن جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى كېسىلى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا كىرىپ قالدىم، ئويلىمىغان يەردىن تېببىي خادىملار ماڭا رەسمىيەت بېجىرگىچە پۇل رەنىگە قويمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

     بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن يۈەن گۈيخۇا بىلەن ئېرى دېھقان بولۇپ، ئائىلىسىدە لازا تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، كىرىمى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. «ئىلگىرى ئاغرىپ قالغاندا كۆپ پۇل خەجلەشتىن ئەنسىرەپ، دوختۇرخانىغا بېرىشنى خالىمايتتىم. ھازىر ئاۋۋال داۋالىنىپ، ئاندىن ھەق تۆلەيمىز، ئۆزىمىز تۆلەشكە تېگىشلىك بىر قىسم ھەقنى تۆلىسەكلا بولىدىكەن، بىزنىڭ يۈكىمىزنى يېنىكلەتتى، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى سىياسەت ئىكەن!» دېدى يۈەن گۇيخۇا.

      يۈەن گۇيخۇا ئېيتقان ياخشى سىياسەت، بايىنغولىن ئوبلاستى 2018-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ يولغا قويغان «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش، بىر بېكەت شەكلىدە راسچوت قىلىش» مۇلازىمەت سىياسىتى ئىدى. ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى دوختۇرخانىدا ياتقان بىمارلارنىڭ ئاۋۋال رەنىگە پۇل قويۇشىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاممىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش بېسىمى ۋە خىراجەت يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، دوختۇرخانىدا ياتقان بىمارلارنىڭ ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوبلاست بويىچە بارلىق ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئوبلاست تەۋەسىدىكى يېزا نوپۇسى، ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس، شەھەرلەردىكى ئۈچ يوق ئاھالىلەر ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خادىملىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىگە قارىتا «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئاساسي داۋالىنىش، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش، تولۇقلىما داۋالاش، خەلق ئىشلىرى ياردىمى، مالىيە تولۇقلىمىسى قاتارلىق تولۇقلىمىلارنى «بىر بېكەت شەكلىدە راسچوت قىلىش» ھەمدە شىنجاڭ بويىچە ئۇچۇرلاشقان «بىر بېكەت شەكلىدە راسچوت قىلىش» مۇلازىمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلار ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى تاپشۇرالماسلىق،كېسەل كۆرسىتەلمەسلىك ۋە دوختۇرخاندىن چىققاندىن كېيىن داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

      بايىنغولىن ئوبلاستلىق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى-داۋالاشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گاۋ جىنۋېن مۇنداق دېدى: شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە شەھەر-بازار ئاھالىلىرى 2-دەرىجىلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندا، تۇنجى قېتىم تاپشۇرغان رەنە پۇلى 1000 يۈەندىن، 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يېتىپ داۋالانغاندا تاپشۇرغان رەنە پۇلى 2000 يۈەندىن ئاشماي، ئاممىغا زور دەرىجىدە قولايلىق ياراتتى.

      «دوختۇرخانىدا يېتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان بىمارلار شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسى، كۈچكە ئىگە كىملىكىنى ئېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىسە بولىدۇ، رەنىگە پۇل قويمىسىمۇ بولىدۇ. دوختۇرخانىدىن چىققاندا، بىمارلار شەخسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش، سودا سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلغاندىن كېيىن شەخىس تۆلەيدىغان ھەقنى تۆلىسىلا بولىدۇ» دېدى گاۋ جىنۋېن.

      «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش، بىر بېكەت شەكلىدە راسچوت قىلىش» ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى، بۇ سىياسەت ئاممىنىڭ «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە بىمارلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ۋاقتىنى تېجەپ، ئەڭ ياخشى داۋالاپ قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشتىن ساقلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنىمۇ ئىناق داۋالاش بەرپا قىلدى.

      «ھازىرغا قەدەر، ئوبلاست بويىچە ‹ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش› ۋە ‹بىر بېكەت شەكلىدە راسچوت قىلىش› مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغان ئامما 118 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى» دېدى گاۋ جىنۋېن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى