• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قەشقەر - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاندى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 18:14 02-08-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قۇرۇلۇش قىلىنغان G3012 قەشقەر (يېڭىشەھەر) - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سىرتقا تۇتىشىدىغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    ئاپتوموبىللارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇشچىلىرى ئىنتايىن ھاياجانلاندى. «قۇملۇق بويىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياساش بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر ئۇنتۇلغۇسىز كەسىپ كەچۈرمىشى ھېسابلىنىدۇ.» قەشقەر - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى 7- بۆلىكىنىڭ تۈر دىرېكتورى جېڭ چاڭۋېي قۇرۇلۇش مەيدانىدا چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلگەچكە، قۇم - توزان كۆتۈرۈلگەن ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئىشنى توختىتىدىغانلىقىنى، بۈگۈن بارلىق بەدەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

    بۇلتۇر خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول − G3012 قاراقاشتىن خوتەن بۆلىكىگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى، لېكىن خوتەن ۋىلايىتىدە يەنىلا سىرتقا تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول يوق ئىدى.

    قەشقەر - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئالاقە لىنىيەسىدىكى مۇھىم بۆلەك بولۇپ، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ، 3012 G قەشقەر - يېڭىشەھەر بۆلىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئاخىرلىشىپ، 3012 G قاراقاش - خوتەن بۆلىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 434.314 كىلومېتىر بولۇپ، 2017- يىلى 7- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان. لىنىيە يېڭىشەھەر، ئاقتۇ، يېڭىسار، يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، گۇما، قاراقاشتىن ئىبارەت سەككىز ناھىيەگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە. تۈردە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سىرتقا تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، خوتەن ۋىلايىتى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا ئايلاندى، ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

    «شىركىتىمىز ھەر كۈنى ئىككى ئاپتوموبىل مالنى قەشقەر شەھىرىدىن خوتەن شەھىرىگە توشۇيدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى پۈتۈن مۇساپىگە سەككىز سائەتكە يېقىن ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بىلەن ماڭغاندا بەش سائەتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، توشۇش ۋاقتىنىڭ قىسقىرىشى بىز ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىغا زور پايدا ئېلىپ كەلدى» دېدى شىنجاڭ يۈنشاڭ ماددىي ئەشيا بىرلەشمە پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى پەن فېڭ.

    ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى جىنۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ تۈرنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قاتناش - تىرانسپورت شارائىتىنى ياخشىلاش، ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش، «شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىشنى تېزلىتىش»نى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ جەنۇبىي يول ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى