• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    باقتۇ جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونىنىڭ تىجارەت باشلىغان تۇنجى ئايدىكى سودا سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:11 02-08-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    باقتۇ جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونىنىڭ

    تىجارەت باشلىغان تۇنجى ئايدىكى سودا سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتتى

    پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى جيەنپىڭ، ليۇ شياڭ، رايىدە خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قازاقىستاننىڭ مايلىق گازىر، قەنت - گېزەك، ھەسەل قاتارلىق تاۋارلىرى لىققىدە بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرى تارباغاتاي باقتۇ جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونى ئامبىرىغا كىردى. رەسمىيەت بېجىرىش، مالنى ئېنىقلاش، مال چۈشۈرۈپ يۆتكەش، تۈرگە ئايرىپ ئاپتوموبىلغا قاچىلاش... يىراقتىن كەلگەن بۇ چەت ئەل مەھسۇلاتلىرى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونىدا چېگرا ئاھالىسى ئائىلىلىرى ۋە ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە خەلقئارالاشقان مال سېتىۋېلىشنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

    شۇ كۈنى، تارباغاتاي باقتۇ جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونىنىڭ رەسمىي ئېچىلىپ تىجارەت قىلغانلىقىنىڭ 37- كۈنى ئىدى.

    2018- يىلى 8- ئايدا، باقتۇ پورتى، ئەركەشتام پورتى شىنجاڭدا باشلامچىلىق بىلەن چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودىسىنى يولغا قويۇپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشتىكى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان پورت بولۇپ قالدى. 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، باقتۇ جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونى رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

    بىر ئايدىن بۇيان، ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونى تاپشۇرغان نەتىجە تالونى كۆزنى ئالاھىدە چاقناتتى: 7- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە، ئادەم ئېقىم مىقدارى 52 مىڭ ئادەم قېتىم، ئومۇمىي ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارى 1666 توننا، راسچوت مىقدارى 1486.6 توننا بولۇپ، سودا ئومۇمىي سوممىسى 12 مىليون 523 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

    «بۇ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىدىكى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونى بولۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى چۆچەك شەھىرى چېگرا ئىقتىساد ھەمكارلىق رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر شياۋ زۇۋېن.

    «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» سىياسەت ئەۋزەللىكىگە باغلىق. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونىغا كىرگەن تاۋارلار سومما چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونىدا تەكشۈرۈلىدۇ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونىدىن چىققاندا ھەربىر ئادەم كۈنىگە 8000 يۈەن خەلق پۇلى باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونىدا سېتىۋالغان تاۋارلار ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆزى ساتىدىغان تاۋارلار بىلەن ئوخشاش، دەپ قارىلىدۇ؛ قازاقىستان پۇقرالىرىدىن ئۈچ كۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىپ، باقتۇ پورتى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

    «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىگە تېخىمۇ موھتاج. باقتۇ جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا رايونىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسى − ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى شەكلى ئارقىلىق ئۆتۈشمە بازىرى سودىسى ئېلىپ بېرىش، يەنى جۇڭگو تەرەپ چېگرا ئاھالىلىرىدىن 20 كىشىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەيدۇ، ئىلگىرىكى يالغۇز چېگرا ئاھالىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاددىي بولغان ئادەم مال ئېلىش شەكلى بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆپ مىقدارلىق سودا (مەسىلەن، ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى، زاراڭزا ئۇرۇقى) ئىمپورتى قىلغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، تارباغاتاي ۋىلايىتى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىدىن جەمئىي 126 نى تەشكىللەپ قۇردى.

    «بۇ خىل <چېگرا> شەكلى چېگرا ئاھالىلىرىنى بىرلىشىپ بېيىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپلا قالماستىن، يەنە سودىگەرلەرگە باجنى كەچۈرۈم قىلىش پايدىسى ئېلىپ كېلىدۇ، قوش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ» دېدى شياۋ زۇۋېن.

    تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مۇقىيات جارمۇقاممەت مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پورتنىڭ مال سېتىۋېلىش، ساياھەتچىلىك ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەمدىن چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودا تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تارباغاتاينى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تۈگۈن قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى