• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    C919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى سىناق ئۇچۇشنى تاماملىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:11 02-08-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، C919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ 104 تىپلىق ئايروپىلانى سائەت 5تىن 32 مىنۇت ئۆتكەندىن شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ 4 – يۈگۈرۈش يولىدىن كۆتۈرۈلۈپ، 1 سائەت 25 مىنۇت ئۇچۇپ، بىرقانچە سىناق نۇقتىسىنى تاماملاپ، ئايروپىلاننىڭ ھەرقايسى سىستېمىلىرىنى دەسلەپكى مەشغۇلات قىلىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، سائەت 6دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە قايتىپ ۋە سىلىق قونۇپ، تۇنجى قېتىملىق سىناق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان. 104 تىپلىق ئايروپىلان C919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ 4 – سىناق ئايروپىلانى بولۇپ، ئاساسلىقى ئاۋىياتسىيە ئېلېكتىر سىستېمىسى، ئۇچۇش - قونۇش ئىقتىدارى، ئاپتوماتىك ئۇچۇش سىستېمىسى ۋە تەبىئىي مۇز تۇتۇش قاتارلىق ئالاقىدار قىسىملارنىڭ سىناق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

    پىلانغا ئاساسلانغاندا، 105، 106 تىپلىق ئايروپىلانلارمۇ بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا سىناق ئۇچۇرىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ ياساش زىچ سىناق ئۇچۇش باسقۇچىغا كىرىدىكەن.

    مەنبە: خەلق تورى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى