• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    «يېشىل گىگانت ئادەم» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كىردى

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 14:52 31-07-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مۇشۇ ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 20 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىر كېلىدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەركەزلەشكەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسى گەنسۇ، شىنجاڭ چېگرىلىنىدىغان لەنجۇ ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولى خۇڭليۇخې كۆۋرۈكىدىن ئۆتتى.


    بۇ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەركەزلەشكەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ كىرىشى بولۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا ئوق پويىزنىڭ ئىشقا كىرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. CR200J تىپلىق «گۈللىنىش» ناملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەركەزلەشكەن ۋاگونلار تۇخۇمەك دەرىخىنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش يېشىل رەڭدە بېزەلگەچكە «يېشىل گىگانت ئادەم» دەپ ئاتالغان. ئەنئەنىۋى يېشىل رەڭلىك پويىزلارغا سېلىشتۇرغاندا، «يېشىل گىگانت ئادەم» ناملىق بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەركەزلەشكەن ئوق پويىزنىڭ ئىككى بېشىدا پاراۋۇز بار، ئالدى ـ كەينى ئىككى تەرىپىدىن ھەيدىگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكەن ئوق پويىزى ھېساپلىنىدۇ. شىنجاڭ تۆمۈر يولى كېيىنكى مەزگىلدە شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا «يېشىل گىگانت ئادەم» پويىزىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ، يولۇچىلار بۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكى تۆمۈر يولدا ئوق پويىزنىڭ تېخىمۇ تېز ۋە مۇقىم يۈرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.

    مەنبە: 新疆1074交通文艺广播

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/fmtMDyG7LCJxIORdTh9WgA


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى