• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچى شەرقىي 2-ئايلانمىسىدىكى ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:50 31-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

      ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئاستى ئۆتۈشمە يولى بىلەن ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۇلانباينىڭ غەربىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتى ئەتراپىدا كېسىشىدىغان بولۇپ، كەڭلىكى 15.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 220 مېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى كىسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 108 مېتىر بولۇپ، شەرقىي 2-ئايلانما ئومۇمىي لىنىيەسى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولىغا ئىگە چوڭ تىپتىكى يول ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىغا ئارتىلىدىغان باغلىما يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 303 مېتىر، كۆۋرۈكنىڭ كەڭلىكى 9 مېتىر كېلىدۇ.

      بۇ تۈر تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شاڭشاخې ئۆتۈشمە يولىدىن باشلىنىپ، غەربتە ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يولىغا تۇتىشىدۇ، ئاخىرقى نۇقتىسى ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە ئاياغلىشىدۇ، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن كېسىشىپ، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى، شىمىگۇ رايونى، تىيانشان رايونى ۋە سايباغ رايونىدىن ئىبارەت تۆت رايوندىن ھالقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەدە جەمئىي يەر ئۈستى كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىن 13ى تەسسىس قىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا، شەھەر ئاھالىلىرى كۆۋرۈك، ئۆتۈشمە كۆۋرۈك، يەر ئۈستى كىرىش-چىقىش ئېغىزى ئارقىلىق شەرقىي 2-ئايلانمىغا كىرەلەيدۇ.

    پۈتۈن لىنىيەدىكى ئۈچ ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ئىچىدە، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلىدۇ، قەشقەر يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، خېنەن يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلدى. 9 كۆتۈرمە كۆۋرۈك مىچۈەن-دۇڭسەن كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، گۈەنيۈەن يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، دۇڭسەن كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، جىنشاتەن يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، يۆجىن كوچىسى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، خۇائېرگوۋ كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، يەنئەن يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى، يەنبېي كۆتۈرمە كۆۋرۈكى ۋە ساڭفاڭگۇ كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە كۆۋرۈك تۇتاشتۇرۇلدى.

    مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2019/07/15/035784112.shtml


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى