• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ! بۈگۈن ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃36 بولىدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 15:36 30-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى، فوتوسى): تۈنۈگۈن (7-ئاينىڭ 29-كۈنى) چۈشتىن كېيىن مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىنى قىزغۇچ سېرىق رەڭگە كۆتۈردى.

      بۈگۈن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تۇرپان شەھىرى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃35 تىن يۇقىرى بولىدىكەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 قا يېتىدىكەن.

      ئۈرۈمچىمۇ بۈگۈن (7-ئاينىڭ 30-كۈنى) يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن رايونلار سېپىگە قوشۇلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃36، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21 بولىدىكەن، ئەڭ ئىسسىق جاي يەنىلا شەھەرنىڭ شىمالى بولۇپ، دوستلار چوقۇم ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.

      بۈگۈن G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيەسىنىڭ تۇرپاندىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن توقسۇنغىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىق لىنىيە بويلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃40 تىن يۇقىرى بولىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى