• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سۇ كەمچىل بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ھىندىستاندا پويىزدا سۇ توشۇلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:25 30-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېقىنقى مەزگىلدە، ھىندىستاننىڭ تامىرناد ئىشتاتىنىڭ مەركىزى چېننايدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن. بۇ ئىشتات ئامالسىزلىقتىن 7-ئاينىڭ بېشىدا بىر تۈرلۈك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى تەستىقلىغان. ھازىرچېنناينىڭ سۇ تەمىناتى تۆمۈر يول تىرانسپورتىغا تايىنىپ ئېھتىياجنى قامداۋېتىپتۇ.

    رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، چېننايدىكى سۇ كەمچىل بولۇشنى كۆپ خىل ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ 30 يىلدىن بۇيانقى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشى، تۆت سۇ ئامبىرىنىڭ ئاسرىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، مەينەت سۇنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، شۇنداقلا مۇسسون شامىلىدا ياغقان يامغۇرنىڭ كېچىككەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئامالسىز ئەھۋالدا، تامىرناد ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت 7-ئاينىڭ بېشىدا بىر جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلىغان بولۇپ، كەلگۈسى ئالتە ئايدا تۆمۈر يول سىستېمىسى ئارقىلىق سۇ توشۇيدىكەن، بۇنىڭ تەننەرخى تەخمىنەن 94 مىليون دوللار (تەخمىنەن 647 مىليون يۈەن) بولۇش مۆلچەرلەنگەن.

    بۇ تۈرنىڭ مەسئۇل ئىنژېنېرى لاجۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئەترىتى 10 كۈن ئىچىدە سۇ توشۇشقا كېرەكلىك 650 مېتىر تۇرۇبا يولىنى ياتقۇزۇپ بولغان ھەمدە بىر سۇ تارتىش سىستېمىسى ئورنىتىپ، سۇنى ئىلگىرى يېمەكلىك مېيى توشۇيدىغان پويىزغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىككى مىليون 500 مىڭ لىتىر سۇ قاچىلانغان پويىز ھەر كۈنى كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتتا يولغا چىقىپ، تۆت سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن، يېرىم كېچىدىن كېيىنلا مەنزىلدىكى پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە باشلىرىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيگەن، ئۇچىسىغا نۇر قايتۇرىدىغان جىلىتكە كىيگەن ئىشچىلار بۇ سۇنى شەھەر سۇ بىلەن تەمىنلەش سېستىمىسىغا كىرگۈزىدىكەن، بۇ جەريانغا بولسا تۆت سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن.

    رانجاناتان بولسا شەھەرگە سۇ توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ھەر كۈنى 16 سائەت خىزمەت قىلىدۇ، ھەتتا تاماق يېيىشكىمۇ ۋاقتى يوق. «كىشىلەر بىزنىڭ يۈك ماشىنىمىزنى كۆرسىلا روھلىنىپ كېتىشىدۇ. ئەگەر كېچىكىپ قالسا، كىشىلەر ئالاقزادە بولۇشقا باشلايدۇ. قانداقمۇ قىلالايتتۇق؟ ئۇلار مېنىڭ ئانام، ئاچا-سىڭىللىرىمغا ئوخشاش سۇ مەنبەسى كەمچىل بولغانلىقتىن قاتتىق تەشۋىشلەنمەكتە. شۇڭا بىز ياردەم قىلىشنى خالايمىز.»

    41 ياشلىق ئايال دەيۋېي بىلدۈرۈپ، ھەر كۈنى ئالتە قېتىم ھەقسىز سۇ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ سۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر ھەپتىدە پەقەت بىر قېتىملا يۇيۇنالايدىغانلىقىدىن ۋە كىيىمىنى يۇيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بەزىدە ئۇ 35 رۇپىيە (تەخمىنەن 3.5 يۈەن خەلق پۇلى) خەجلەپ قوشۇمچە سۇ سېتىۋالىدىكەن.

    لاجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بۇ شۇ جاينىڭ سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى ئەمەس، يەر ئاستى تۇرۇبا يولى ياساپ، يېقىن ئەتراپتىكى رايونلاردىن سۇ باشلاش تېخىمۇ ياخشى ئامال ھېسابلىنىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە، بۇ چېنناينىڭ تۇنجى قېتىم پويىز ئارقىلىق سۇ توشۇشى ئەمەس. خېلى بۇرۇن 2001-يىلىلا چېنناي ئېغىر قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، شۇ چاغدا يەرلىك دائىرىلەر تۆمۈر يول ئارقىلىق غەربىي جەنۇبىدىن 400 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىققا توغرا كېلىدىغان بىر كىچىك بازاردىن سۇ توشۇپ كەلگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى