• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سامسۇڭ Galaxy Note 10نىڭ ئەڭ يېڭى ھالرەڭ نۇسخىسى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:17 30-07-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سامسۇڭ 8-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەڭ يېڭى Galaxy Note 10 يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ، Galaxy Note 10 ۋە Note 10+ ھەققىدىكى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. يېقىندا يەنە بىر يۈرۈش ئەڭ يېڭى رەڭلەنمە سۈرەت ئاشكارىلاندى. ئەمما بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار سەل ئالاھىدىرەك، چۈنكى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئەڭ يېڭى Galaxy Note 10نىڭ يېڭىدىن ھالرەڭ نۇسخىسى چىقىرىلىدىكەن، تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان رەڭلەنمە سۈرەتنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن، «ئاساسەن» سامسۇڭ كېيىنكى مەزگىللەردە تەشۋىقاتقا ئىشلىتىدىغان ئورگان سۈرەت ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن قوشۇلغان ھالرەڭ نۇسخىدىكى Galaxy Note 10 ئالدى بىلەن ياۋروپا بازىرىغا سېلىنىدىكەن، ئەمما نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىگە كىرىدىغان ياكى كىرمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. سامسۇڭنىڭ بۇنداق رەڭنى ئىشلىتىشىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق، ئاساسلىقى تېخىمۇ كۆپ ئايال ئايال ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن. ھالرەڭدىن باشقا بۇ يانفوننىڭ يەنە كۆك، يېشىل، قارا، ئاق ۋە ئالاھىدە «Aura Glow» قاتارلىق تىپلىرى بار.

    بۇ يانفونغا 6.3 ديۇملۇق 1080x2280 ئېنىقلىقتىكى AMOLED ئېكران ئىشلىتىلىگەن، Note 10 Plusقا بولسا 6.8 ديۇملۇق 1440x3040 ئېنىقلىقتىكى AMOLED ئېكران ئىشلىتىلگەن، ئالدىنقىسىغا ئارقا ئۈچ كامېرا، كېيىنكىسىگە مۇشۇ ئاساستا تۆت كامېرا ئىشلىتىلگەن، سامسۇڭ Galaxy S10 5Gغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

    قاتتىق دېتال سەپلىمىسىدە سامسۇڭ Galaxy Note 10 بىلەن Note 10+قا كۋالكومنىڭ سناپدراگون 855Plus بىر تەرەپ قىلغۇچى، Note 10غا 8GB RAM ئىشلىتىلگەن، Note 10+قا بولسا 12GB RAM ئىشلىتىلگەن ھەمدە تېخىمۇ چوڭ سىغىملىق باتارىيە سەپلەنگەن، 4300mAh بولۇشى مۇمكىن، Note 10غا بولسا 3500mAhلىق باتارىيە ئىشلىتىلگەن.

    سىستېمىدا Android 9 Pie قاچىلانغان ھەمدە سۇ ۋە چاڭ-توزان ئۆتمەس ئىقتىدار قوشۇلغان، 256GBلىق ۋە 512GBلىق نۇسخىسىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىشقا بولىدۇ، 3.5mmلىق تىڭشىغۇچ ئېغىزى ساقلاپ قېلىنغان.

    باھاسىدا سامسۇڭ Galaxy Note 10نىڭ باشلىنىش باھاسى 999 دوللار (6800 يۈەن)، Note 10+نىڭ باشلىنىش باھاسى ئاز بولغاندا 1149 دوللار (7900 يۈەن). جۇڭگو نۇسخىسىنىڭ باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىدى، ئەمما باھاسىنىڭ ئەرزان ئەمەسلىكى ئېنىق.

    8-ئاينىڭ 7-كۈنى يېقىنلاپ كېلىشكە ئەگىشىپ، Galaxy Note 10نىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرى ئاشكارىلىنىدۇ.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى