• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئايالىدىن يوشۇرۇن قىز توردىشى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان ئەرنىڭ توردىشى ئۆز ئايالى چىقىپ قالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:19 27-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئەنگلىيەدىكى دانىئېل ئىسىملىك ئەر يېقىندا چوڭقۇر ئىزاغا قالغان بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە ئايالى فېننىنىڭ كوماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قىز توردىشى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان، لېكىن ئۇ «قىز توردىشى»نىڭ ئۆز ئايالى چىقىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. 24-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى»گە چىقىرىلغان بۇ خەۋەر تورداشلارنىڭ كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.

    دانىئېلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ ئايالى فېننى بىلەن ئۈچ يىل بۇرۇن تونۇشقاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا مۇھەببەت دەرياسىغا غەرق بولغان ھەم 14 ئاي بۇرۇن ئايالى بىلەن توي قىلىپ ئائىلە قۇرغان، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بەك ياخشى دېگىلى بولمىسىمۇ ھېچبولمىغاندا سىرتتىن قارىغاندا ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بەختلىك ئەر-ئاياللاردەك ئۆتۈپ كەلگەن. بۇ يىل 6-ئايدا، فېننى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتقا كوماندىروپكىغا چىقماقچى بولغان، دانىئېل مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ توردىكى قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشنى پىلان قىلغان. فېننى 7-ئايدا كوماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەندە، دانىئېل پىلانىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ توردا «ئولجا» ئىزدەشكە باشلىغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن دانىئېل بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۇچۇر ئەۋەتكەن تورداشلار ئىچىدە ئايالى فېننىنىڭمۇ سۈرىتى بارلىقى بايقالغان.

    دانىئېل مۇنداق دېگەن: «مەن دەسلەپتە باشقىلار ئايالىمنىڭ سۈرىتىنى ئوغرىلاپ ئىشلىتىۋالغان چېغى دەپ ئويلىغان، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ئۇچۇرىدىن قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقەتەن ئايالىم فېننى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەنىدىم».

    دانىئېل بۇ ئىشنى بايقىغاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلىنىپ ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالغان، تېخىمۇ يامىنى شۇكى، قارشى تەرەپمۇ دانىئېلنىڭ سالاھىيىتىنى ئاللىقاچان ئۇقۇپ قالغان بولغاچقا، دانىئېل بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇشقا باشلىغان.

    تورداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بەس-بەستە مۇنازىرىلىشىشكە باشلىغان، بەزى تورداشلار: «بۇنىڭدىن ئەر-ئايال ئىككىڭلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ ناھايىتى چەمبەرچەس باغلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن، يەنە بەزى تورداشلار دانىئېلغا ئايالىدىن كەچۈرۈم سوراپ كۆڭلىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى