• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئەرلەر ھاجەتخانىسى ئىشىكىدىكى مىكروب ئاياللارنىڭكىدىن ئالتە ھەسسە يۇقىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:17 27-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    تەتقىقاتتا بىلدۈرۈشىچە، ئەرلەر ھاجەتخانىسىنىڭ ئىشىكىدە ئاياللار ھاجەتخانىسىدىكىدىنمۇ كۆپ مىكروب بولىدىكەن، چۈنكى «ھاجەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئەر قول يۇمايدىكەن.» ئەنگلىيە خان جەمەتى ئاممىۋىي جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ يېرىمىلا قول يۇماسلىقنىڭ «خەتىرى يۇقىرى» دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئايال قول يۇماسلىقنى مۇھىم مەسىلە دەپ قارايدىكەن. يېقىندىكى بىر تەتقىقاتتا مەخسۇس لوندون خىزمەت بىنالىرىدىكى ھاجەتخانىلارنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى تەكشۈرۈلگەن، نەتىجىدە ئەرلەر ھاجەتخانىسى ئىشىكىدىكى مىكروب سانى ئاياللار ھاجەتخانىسىنىڭ ئالتە ھەسسىسى، ھەتتا ئادەتتىكى تەرەتداندىكى مىكروب سانى تۆت ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

    لوندون سەھىيە ۋە ئىسسىق بەلباغ مېدىتسىنا شۆيۈەنىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى ساللىي تاراتقۇلارغا ئاياللار تېخىمۇ پاكىزلىقنى ساقلاشقا مايىل بولۇپ، ھاجەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن دائىم قول يۇيىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، دېگەن. باشقىلار تۇتىدىغان تۇتقۇچنى تۇتۇشتا قولنىڭ تازىلىقى ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا، خىزمەت ئۈستىلىڭىزگە قايتقاندا تارتمىغا قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سېلىپ قويسىڭىز ۋە ئىشلەتسىڭىز ئەرلەرنىڭ ھاجەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن قول يۇماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالايسىز. بۇ تەتقىقات لوندون ئىشخانىلىرىدىكى 24 ئەرلەر ۋە ئاياللار ھاجەتخانىسىنى ئەۋرىشكە قىلغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى