• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئورگان تورى: جىلىن كوماندىسى دومىنىك جونس بىلەن توختام ئۇزارتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:11 27-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن كوماندىسى ئورگان تورىدا چەتئەللىك ئەزا دومىنىك جونس بىلەن توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. تەپسىلى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

    «كوماندىمىز دومىنىك جونس بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق توختام ئۇزارتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدۇق، شۇنداقلا بىرلەشمىگە ئۇنىڭ ماتىرياللىرىنى تاپشۇرۇپ يېڭى مۇسابىقە پەسىلى ئۈچۈن تىزىملىتىش ۋە تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش خىزمىتىنى تاماملىدۇق، تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ رەسمىي ھالدا جىلىن كوماندىسىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا كېلەر مۇسابىقە پەسىلىدە داۋاملىق كوماندىمىزغا ۋاكالىتەن بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.»

    دومىنىك جونس 1988-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 1.96 مېتىر، ئېغىرلىقى 98 كىلوگىرام، 2010-يىللىق NBA يېڭى ماھىرلارنى تاللاش يىغىنىدا تۇنجى ئايلانما 25-ئورۇندا كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسىغا تاللانغان، شۇنداقلا تەنھا پالۋان كوماندىسى قاتارلىق كۆپلىگەن كوماندىدا توپ ئوينىغان.

    2014/2015-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە دومىنىك جونس جىلىن كوماندىسىغا قوشۇلغان بولۇپ، ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40.8 مىنۇت ئىچىدە 36.8 نومۇر، 7.8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 8.4 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

    ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدە ئۇ جىلىن كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 48 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشپ، ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 28.3 نومۇر، 7.4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى