• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سىز بەلكىم بۇ تۆت سەۋەبكە سەل قارىغانلىقتىن سەمىرىپ كەتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:59 26-07-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئەمەلىي تۇرمۇشتا، ئاياللارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ. بەدەن تۈزۈلۈشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن باشقا، يەنە ئادەتتىكى ھەر خىل ناچار ئادەتلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. سېمىزلىك بەدەندە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

    ئاياللارنىڭ سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كونكرېت سەۋەبلەر قايسىلار؟

    1. تۇرمۇش ئادىتى ساغلام ئەمەس

    ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ھەرىكەت مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلماي ئۇزۇن ئولتۇرۇش سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر چوڭ سەۋەب. ھەرىكەت قىلمىغاندا بەدەندىكى چىقىرىش ۋە مېتابولىزم ئاستىلايدۇ، بەدەندىكى توكسىننىڭ چىقىرىلىش جەريانى ئاستىلايدۇ، توكسىن ۋە نەملىك بەدەندە يىغىلىپ قالىدۇ، نەملىك بولسا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر چوڭ ئىچكى ئامىل.

    2. يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ساغلام ئەمەس

    ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تاتلىق يېمەكلىك، ماروژنا قاتارلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ياغ ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئۈچ خىل ماددا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېمەكلىك چوقۇم ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ماددا. بۇ بىر قانچە خىل ماددا ياغنى ئاشۇرۇپ سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، يەنە ئاياللارنىڭ قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇقىنى يۇقىرىلىتىپ، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىمۇ ئاز يېيىش كېرەك، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى بۇزۇۋېتىدۇ، شۇڭا مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    بەزى ئاياللار يەنە كېچىلىك تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن، كەچتە سىرتتىن تاماق بۇيرۇتسا، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ئاستا-ئاستا ئاجىزلايدۇ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، يېمەكلىك بەدەندە بىر كېچە تۇرۇپ قالسا، ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولغان ئىسسىقلىق مىقدارى كۈندۈزدىكى يېمەكلىكتىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقتىن كۆپ بولىدۇ.

    3. ھامىلدارلىقتىن كېلىپ چىققان سېمىزلىك

    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كېيىن يۇقىرى ئاقسىل ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، ھامىلىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاياللار ئادەتتە ھامىلدار بولۇپ 10 ئاي بولغاندا قاتتىق ھەرىكەت قىلالمايدۇ، شۇڭا ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولسا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل سېمىزلىك شەكلى باشقا ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان سېمىزلىكتىن پەرقلىنىدۇ، تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق چېنىقىش ئارقىلىق ئەسلىدىكى بەدەن شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

    4. ھورمۇن سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سېمىزلىك

    بىز ھەممىمىز ھورمۇننىڭ سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم بىر سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بەزى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىستېمال قىلغان دورىلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ھورمون بولۇپ، ئاسانلا ھورمۇن مەنبەلىك سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل سېمىزلىك دورا يېيىشنى توختاتقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا پەسىيىدۇ، بىراق ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ھورموننىڭ يەنە بىر قىسمى شۇكى، ئاياللار بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە جىنسىي ھورمون ۋە ھامىلىدارلىق ھورمۇنى كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىپ، بەدەندە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، بەدەن بارغانسېرى تولىدۇ.

    ھامىلدارلىق ھورمونى بىلەن جىنسىي ھورموننىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر سەۋەب بولۇپ، نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە يەنە بىر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل پىسخىكىلىق ئامىل بولۇپ، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى بەدەن ئۆزگىرىشى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئاياللارنىڭ تەشۋىشلىنىش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تەنھالىق، تەشۋىشلىنىش ئىچكى ئاجراتمىلارنى نورمالسىزلاشتۇرۇپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئەسكەرتىش : ئاياللارنىڭ سەمرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرمۇ پەرقلىنىدۇ، يۇقىرىدا تەھلىل قىلىنغىنى پەقەت ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى