• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    «قىز دوست ماشىنا ئادەم» بازارغا سېلىندى: زاكاز قىلىش باھاسى 7999 دوللار

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:52 26-07-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مەلۇم TGS (ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق) بېكەت سۇپىسىدا، ئىلگىرى ئەينەك جازىدا «ھەقىقىي ئادەملىك نۇسخىدىكى ماشىنا ئادەم» قويۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئويۇن ئوينىغۇچىلار كۆرگەزمە سۇپىسىدا 7999 ئامېرىكا دوللىرى باھا بىلەن ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر دانە «ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى ماشىنا ئادەم»نى زاكاز قىلسا بولىدىكەن، بۇ ماشىنا ئادەم ئىستېمالچىلارغا پۈتۈن كۈن 24 سائەت ھەمراھ بولالايدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ 30 كۈنلۈك مال قايتۇرۇش ۋە بەش يىللىق رېمونت كاپالىتى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن ھەمدە تېخىمۇ خاسلاشتۇرۇلغان زاكازنىمۇ قوبۇل قىلىدىكەن.

    نەق مەيداندا، بۇ «ماشىنا ئادەم»لەر قوزغىتىلغان بولۇپ، ئۇلار ئېچىۋېتىلگەن رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئويۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ھېس قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن. بۇ ماشىنا ئادەملەر تاماشىبىنلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە بۇيرۇقىغا قارىتا مۇناسىپ ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىسى قىلالايدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا، نۇرغۇن ئويۇنچىلار ناھايىتى ھاياجانلانغان بولۇپ، كۆرگەزمە سەھنىسىدىكىگە ئوخشاش پاسوندىكى «قىز دوست ماشىنا ئادەم» سېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىشقان.

    ھالبۇكى، بۇ شىركەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆرگەزمە سۇپىسىدا ئويۇن ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۆزئارا ئالاقىلەشكەن «ماشىنا ئادەم» ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ماشىنا ئادەم ئەمەس بولۇپ، بەلكى ھەقىقىي ئادەم مودىل رول ئالغان ماشىنا ئادەم ئىكەن، كونكرېت «ماشىنا ئادەم» سېتىش پىلانى ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ خۇددى سەھنىدە ئويۇن قويغان كىچىك قىزچاققا ئوخشاش ئەينەن ياسالغان. ھازىر كۆرگەزمە سۇپىسىدىكى «كىچىك قىزچاق ماشىنا ئادەم»گە تېگىشكە يول قويۇلمايدىغان بولۇپ، نەق مەيدانغا بارغان نۇرغۇن تورداشلار بىر قاراپلا ھەقىقىي ماشىنا ئادەمنى كۆردۈم، دەپ ئويلاپ قالغان، كىشىلەر بۇ ماشىنا ئادەملەرنىڭ چىرايىنىڭ قاملاشقان، شەكلى قىياپىتىنىڭ بەئەينى راست ئادەمگە ئوخشىغانلىقىغا ھەيران قېلىشقان.

    كەڭ تورداشلارنىڭ سېتىۋېلىش تەلىپىگە قارىتا، ياپونىيە بۇنىڭغا ئوخشاش «قىز دوست ماشىنا ئادەم»نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. ئالىملار ئەڭ ئىلغار سىلىتسىيلىق يىلىم تېرىسىنى ئىشلىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، قىزچاقنىڭ تېگىش سېزىمى، ئاۋازى، تاشقى قىياپىتى، ھەتتا تەپەككۇرىنى ئادەتتىكى ئىنسانلارغا تەقلىد قىلىپ چىققان. ئۇ ئەمدى مۇزدەك ماشىنا ئادەم ئەمەس بولۇپ، ئادەملەر بىلەن توسالغۇسىز پاراڭلىشالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋازى يېقىملىق، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئاساسىي ئائىلە ئىشلىرىنى ئورۇندىيالايدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي بىر ئائىلە خىزمەتچىسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىكەن. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىپتۇ، دېمەي بولمىدى!


    ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ سىزگە بولغان كۆڭلىنى چۈشىنىشى كۆپىنچە سوغۇق ھالەتتىكى ھېسابلاش ئۇسۇلى ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئالدىدا سىز بىر سۈزۈك ئادەم. ئەگەر چوڭقۇرراق ئويلىسىلا ئادەمنى قورقۇتىدۇ.

    ئەگەر سىزدە 7999 ئامېرىكا دوللىرى بولسا، سىز مۇشۇنداق مۇكەممەل بىر قىز دوست ماشىنا ئادەمنى زاكاز قىلامسىز؟


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى