• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئالمىنىڭ 3D Touchنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ سەۋەبى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:55 18-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    PhoneArenaنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇردىن باشلاپ ئالما 2019-يىلى تەدرىجىي ھالدا iPhoneدىكى 3D Touch ئىقتىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ دېگەن ئۇچۇر تارقالغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئالمىنىڭ 3D Touchنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنىڭ سەۋەبى خېلى كۆپ قىسىم ئابۇنتلار ئۇنى ئىشلەتمەيدىكەن، ھەتتا بۇ ئىقتىدارنى چۈشەنمەيدىكەن، شۇڭا ئالما شىركىتى داۋامىق تۈردە ئىندۇكسىيەلىك ئېكران تاختىسىغا پۇل خەجلەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىغان.بۇرۇن Digitimesنىڭ خەۋىرىدە ئالما بارلىق iPhone 11دىن 3D Touch ئىقتىدارىنى ئېلىۋېتىدىغانلىقى ھەمدە تەمىنلەش زەنجىرىگە يېڭى ئېكران تەمىنلەش كارخانىسى جىڭدوڭفاڭنى قوشىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. Digitimesنىڭ خەۋىرىدە سېزىمچان ئېكران ياساش كارخانىسى TPK بىلەن GISنىڭ ئۇچۇرىدىن نەقىل ئېلىنغان، بۇ ئالمىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى كارخانىسى. بۇ ياساش كارخانىلىرى ھەر بىر ئۈسكۈنىنىڭ سېلىنمىسىنى ئازايتىدۇ، چۈنكى يېڭى نۇسخىدىكى iPhoneنىڭ سېزىمچان ئېكرانىنى ياساش تېخىمۇ ئاسان ئىكەن ھەمدە دېتال تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى