• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بالىلار ئۇزۇن مۇددەت تېلىۋىزور كۆرسە ياكى ئالاقە تورى ئىشلەتسە ئاسانلا چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:47 18-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئامېرىكا تېببىي ئىلىم ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت تېلېۋىزور كۆرگەن ياكى ئالاقە تورى ئىشلەتكەن بالىلار ناھايىتى ئاسانلا چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى ئالاقە تورى ئىشلىتىش ۋاقتى قانچىكى ئۇزۇن بولسا، ئۇلاردا شۇنچە ئېغىر چۈشكۈنلۈك ئالامىتى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بولۇپمۇ، بالىلار تېلېۋىزور ياكى ئالاقە تورىدا باشقىلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالسا، بالىلارنىڭ غورۇرىنى تېخىمۇ ئاسان زىيانغا ئۇچرىتىپ قويىدىكەن. بالىلار ناۋادا ئالاقە تورىدا باشقىلار بىلەن قانچىكى كۆپ پاراڭلاشسا، ئۇلارنىڭ تورغا ئۆز سۈرىتىنى چىقىرىپ ھەمبەھىرلەش خاھىشى شۇنچىكى ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ناچار ئەھۋال كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ بالىلارنىڭ نورمال ئىجتىمائىي ئالاقىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

    مونتىرېيال داشۆسى (University of Montreal) پىروفېسسورى پاترىشا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ پىسخىك جەھەتتە زىيانغا ئۇچراپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىغا چەك قويۇشى لازىملىقىنى ئېيتقان. پاترىشا ئىلگىرى ھەر يىلى 12 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان 3826 نەپەر بالىنىڭ كەيپىياتى ۋە ئېلىكتىرون ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

    پاترىشا مۇنداق دېگەن:«تەتقىقاتلاردا بالىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە ئالاقە تورى ئىشلىتىش قىلمىشىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىغا چەك قويۇش ۋە ئالاقە تورى ئىشلىتىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چۈشكۈن كەيپىياتىنى كونترول قىلىشىغا ياردەم قىلغىلى ھەم چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ».

    بورس دوكتورمۇ بۇ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان، ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئالاقە تورى ۋە تېلېۋىزور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېدىيانىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، بالىلار ئۇلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى ھەم بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ. بالىلاردا چۈشكۈنلۈك خاھىشى قانچىكى ئېغىر بولسا، بۇ تۈردىكى مەزمۇنلارنى شۇنچە كۆپ كۆرۈشكە باشلايدۇ-دە، بۇ ئىش بالىلارنىڭ كاللىسىغا تەسىر قىلىپ ئۇلارنىڭ پاسسىپ كەيپىياتى ۋە چۈشكۈنلىشىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ خىل ناچار ئايلىنىش ھادىسىسى ئېغىرلىشىپ بالىلارنىڭ چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ».

    بەزى مۇتەخەسسىسىلەر ئىپادە بىلدۈرۈپ، يۇقارقى تەتقىقات تۈرى گەرچە مۇئەييەن دەرىجىدە ئومۇمىيلىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە ئالاقە تورى ئىشلىتىشنىڭ بالىلارنىڭ ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى