• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاكا-سىڭىل توي قىلىپ تۆت پەرزەنتلىك بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:45 18-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېڭى زېلاندىيەدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال توي قىلغاندىن كېيىن تۆت پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، ئۇلار گەرچە ئاكا-سىڭىل بولسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلغان، بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئىگىلىنىشىچە، گەرچە بۇ ئىككىيلەننىڭ ئاتا-ئانىسى توي قىلىپ، بۇ ئىككىسى ئۆگەي ئاكا-سىڭىللاردىن بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بىۋاستە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا، ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلغانىكەن.

    ئۇنىۋېرسال چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 37 ياشقا كىرگەن لېنلى يېڭى زېلاندىيەدىن بولۇپ، لېنلى بىلەن يولدىشى دانىئېلنىڭ توي قىلغىنىغا خېلى ئۇزۇن يىل بولغان، ئۇلار ھازىر تۆت پەرزەنتلىك بولغان.

    لېنلى 12 ياشقا كىرگەن يىلى، ئاپىسى دانىئېلنىڭ دادىسى بىلەن تونۇشۇپ قالغان، كېيىن بۇ ئىككىسى توي قىلغاندىن كېيىن لېنلى بىلەن ھازىرقى يولدىشى دانىئېل ئاكا-سىڭىللاردىن بولۇپ قالغان. لېنلى 16 ياشقا كىرگەن يىلى ئاكىسى دانىئېلنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ھالدا ئاكىسىغا ئېغىز ئېچىپ مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان.

    لېنلىنىڭ يېشىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ، ئاكىسى دانىئېلغا بولغان مۇھەببىتى كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان، كېيىن ئاكىسى دانىئېل توي قىلغاندىن كېيىن يۈرەك-باغرى ئېزىلىپ پارە-پارە بولغان، لېنلى مۇنداق دېگەن: «ئاكام توي قىلغاندىن كېيىن ئىككىمىز ئۆز يولىمىزغا راۋان بولدۇق، مەن يېڭى زېلاندىيەگە كەتتىم، ئاكام ئاۋستىرالىيەدە قالغانىدى».

    لېنلى 22 ياشقا كىرگەن يىلى ئاكىسى دانىئېل ئايالىدىن ئاجرىشىپ يېڭى زېلاندىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئۇلار گەرچە خېلى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆز ئارا كۆرۈشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببىتى يەنىلا ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككىلىسى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    دانىئېل بىر كۈنى كەچتە تاماق يەۋاتقاندا ئۆيىدىكىلەرگە سىڭلىسى لېنلى بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئارىلىشىشىغا قوشۇلغان، لېكىن بەزىلەر ئۇلارنى مازاق قىلىپ ئەيىبلىگەن.

    لېنلى بىلەن ئاكىسى دانىئېل 2013-يىلى رەسمىي توي قىلغان، كېيىن ئىككىسى ئارقا-ئارقىدىن تۆت پەرزەنتلىك بولغان، لېنلى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى ئون نەچچە يىل ياخشى كۆرۈشكەندىن كېيىن ئاخىرى ئالاھىدە ئائىلە قۇرغانىدۇق، مەن ھازىر دانىئېلنىڭ ئاكام ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم، ئۇ پەقەت مېنىڭ يولدىشىم خالاس».


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى