• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    يۇقىرى تېمپېراتۇرالىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:19 18-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە بىر قېتىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرالىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتىمىز.

    بۈگۈندىن باشلاپ مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن 37 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن، 7 -ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈپ، 35 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن، شۇڭا كىچىك دوستلار سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىشى كېرەك.

    35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى تۆۋەندىكىچە: دۆلەت يولى 30- لىنىيەسى؛ دۆلەت يولى 312- لىنىيەسىنىڭ جىڭدىن شىخەنزىگىچە بولغان بۆلىكى؛ تۇرپاندىن قومۇلغىچە بولغان يول بۆلىكى؛ دۆلەت يولى 217- لىنىيەسى ۋە دۆلەت يولى 3014- لىنىيەسىنىڭ كۈيتۈندىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى؛ دۆلەت يولى 3015- لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى؛ دۆلەت يولى 314- لىنىيەسىنىڭ پارچە ساغالدىن توقسۇنغىچە بولغان بۆلىكى؛ دۆلەت يولى 315- لىنىيەسىنىڭ قەشقەردىن يەكەنگىچە بولغان بۆلىكى؛ بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت يولى 30- لىنىيەسى، دۆلەت يولى 312- لىنىيەسىنىڭ تۇرپاندىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكى؛ دۆلەت يولى 314- لىنىيەسىنىڭ پارچە ساغالدىن توقسۇنغىچە بولغان بۆلىكىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 37 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى