• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ھىندىستان كەنت ئاھالىلىرى چاشقان يەپ ھايات كەچۈردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:16 18-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ بىخار ئىشتاتى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىر قىسىم رايونلاردىكى دېھقانلار چاشقان يەپ ھاياتىنى ساقلاشقا مەجبۇر بولغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆيى كەلكۈندە بۇزۇۋېتىلگەن بولۇپ، نەچچە مىڭ ئادەم يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ، سىرتقا چىقىپ پاناھلىق ئىزدىگەن.

    كاتىخار رايونى دەنجىتاۋلا كەنتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كەلكۈننىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغان، ئۇلار دائىرىلەرنىڭ ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئامالسىز چاشقان يەپ قورسىقىنى تويغۇزۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن ھەممە نەرسىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىپ، ھېچقانداق يېمەكلىك قالمىغانلىقىنى ئېيتقان.


    كەلكۈن كەنت ئاھالىلىرىنى يۇرتىدىن ئايرىغان

    شۇ يەرلىك ئاھالە تالا مۇرم مۇنداق دېگەن: «بىز چاشقاننى يېيىشكە مەجبۇر بولدۇق، ئۆيىمىزنىڭ ھېچنېمىسى قالمىدى، ھۆكۈمەتمۇ بىزگە ھېچقانداق تۇرار جاي ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرمىدى، ھېچقانداق قولايلىقمۇ يارىتىپ بەرمىدى. مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چاشقان يەۋاتىدۇ، چۈنكى كەلكۈندە ھەممىلا يەردىن چاشقان تۇتقىلى بولىدۇ.»

    مۇرم زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈپ، نەۋرىسىنىڭمۇ بۇ رايوندا چاشقان تۇتۇش سېپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ ئاھالىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باقمىغان، كەلكۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئەھۋالنىمۇ بىلمەيدىكەن، ئۇلار نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ھايات-ماماتلىق خەۋپىگە ئۇچرىشىغا ئالاقىدار ھېچقانداق دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالمىغان.


    كەلكۈن كەنتنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن

    «بىزدە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى يوق، بەزىلەر چاشقان يېگەن ھالەتتىمۇ، بۇ پەقەت بەزى قەبىلىلەرنىڭ ئادەتتە چاشقان يەيدىغان ئادىتى خالاس» كادۋا سايلام رايونى كوچا مەھەللە تەرەققىيات ئەمەلدارى لاكش كۇمار گۇپتا «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»گە يۇقىرىقىدەك دېگەن.

    شىددەتلىك يامغۇر بىخار ئىشتاتىدا كەلكۈننى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئىشتاتتىكى 33 ئادەم قارا يامغۇر ۋە كەلكۈندە قازا قىلغان.

    نېپالدىكى ئاز كۆرۈلىدىغان قارا يامغۇر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەريالاردىن زور مىقداردا سۇ چىقىرىۋېتىلىش، بىخار ئىشتاتىدىكى كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بىخەتەر رايونغا يۆتكەلگەن.

    ئاسسام ئىشتاتىدىكى 33 ۋىلايەتنىڭ 30 ى يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان، گولاگاي ۋە ناگان رايونىغا جايلاشقان كازلانگا دۆلەت باغچىسىنىڭ %90 ى سۇ ئاستىدا قېلىپ، سانسىزلىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    ئاسسام ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن 17 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ھازىر ئەھۋال يەنىلا خەتەرلىك. ئاسسام ئىشتاتلىق ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسى (ASDMA) دوكلاتىدا بىلدۈرۈپ، يارلۇڭ زاڭبو دەرياسى ۋە ئۇنىڭ كۆپ قىسىم تارماق ئېقىنلىرى تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلاردا (گۇۋاخاتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) سۇ ئورنى ئۆلچىمى خەتەرلىك سۇ ئورنىدىن ئېشىپ كەتكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى