• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    جۇڭگو ئىقتىسادى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشتى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 13:23 17-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    چېن ۋېيۋېي، شېن چېڭ) دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 45 تىرىليون 93 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان. پەسىللەرگە بۆلۈپ قارىغاندا، 1- پەسىلدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشقان، 2- پەسىلدە %6.2 ئاشقان.

    ئېھتىياج جەھەتتە، بازاردا سېتىش مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1- پەسىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. سېلىنمىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم ساقلانغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1- ئايدىن 5- ئايدىكىگىچە سېلىشتۇرغاندا 0.2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

    ماۋ شېڭيۇڭ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ھازىر دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن، يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى سەل ئاستىلىدى، تاشقى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپەيدى، دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىلىرى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك، ئىقتىساد يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.

    مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2019/07/16/035786068.shtml

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى