• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاق ناۋات ۋە سېرىق ناۋاتنىڭ پەرقى ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:20 17-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاق ناۋات يەككە كىرىستالدىن، سېرىق ناۋات كۆپ كىرىستالدىن شەكىللىنىدۇ. ئىككىلىسى ئاق شېكەرنى خام ئەشيا قىلىدۇ، ئېرىتىش، قالايمىقان دانىچىلارنى چىقىرىۋېتىش، قاينىتىش، كىرىستاللاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولىدۇ. پەرقلىنىدىغىنى، ئاق ناۋاتنىڭ بارلىققا كېلىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئاقارتىپ، رەڭ يوقىتىش جەريانىنى چوقۇم باشتىن كەچۈرىدۇ. سېرىق ناۋات رەڭگى چۈشۈرۈلمەي، پىششىقلاپ ئىشلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغاچقا، شېكەرنىڭ ئەسلىدە بار بولغان تەركىبى بىر قەدەر كۆپ ساقلىنىپ قالىدۇ، تاتلىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇق مىقدارى شۇنچە مول بولىدۇ.

    ئوزۇقلۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سېرىق ناۋات ئاق ناۋاتقا قارىغاندا ياخشى.

    سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق ناۋاتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىردەك بولۇپ، رەڭگى چىرايلىق، سېرىق ناۋاتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە پەرق چوڭ بولۇپ، رەڭگى سېرىققا مايىل كېلىدۇ.

    تاتلىقلىق دەرىجىسىدىن قارىغاندا، ئاق ناۋات تېخىمۇ تاتلىق بولىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، ئادەتتە قۇۋەت تولۇقلاش ۋە تەڭشەشكە سېرىق ناۋات ئىشلەتسە ياخشى، قورۇمىنىڭ رەڭگىنى چىرايلىقلاشتۇرۇش ھەمدە تاتلىق-تۈرۈم قاتارلىقلارنى ياساشتا ئاق ناۋات ئىشلەتسە مۇۋاپىق.

    چوڭ ناۋاتنى قانداق قىلغاندا تېز سۈرئەتتە كىچىكلەتكىلى بولىدۇ:

    1. چوڭ ناۋاتنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا چىنە بىلەن بىرگە سېلىپ، يۇقىرى ئوتقا تەڭشەپ، تۇخۇم چوڭلىقىدىكىنى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئوتتا 10 سېكۇنت، ئۇنىڭدىن سەل چوڭراقىنى 15 سېكۇنت قىزدۇرسىلا كۇپايە. بەك ئۇزاق تۇرغۇزۇۋەتسە، ناۋات ئېرىپ كېتىدۇ.

    ناۋاتنى قانداق ساقلاش كېرەك؟

    1. ناۋات سۇنى ئاسانلا سۈمۈرۈۋالىدىغانلىقتىن نەملىشىدۇ، شۇڭا، ھاۋا ئۆتۈشچان، سالقىن جايدا ساقلاش كېرەك. ئورالمىنى ئاچقاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئېغىزى ھىم ئەينەك ياكى سۇلياۋ بۇتۇلكىدا ساقلاش، ياكى سۇلياۋ خالتىنىڭ ئېغىزىنى دەرھال ئېتىپ، نەملىشىش ۋە كۈن نۇرىنىڭ بىۋاستە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

    2. ئەگەر ناۋاتنىڭ نەملىشىپ قالغانلىقىنى بايقىسا، شامالدۇرغۇچتا قۇرۇتۇش ياكى كۈن نۇرى چۈشىدىغان جايدا قۇرۇتۇش كېرەك.

    3. ئەگەر ناۋاتنىڭ يۈزىدە سۇ ئېرىش ھادىسىسى يەنى چاپلىشىشچانلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئائىلىدە بىر تەرەپ قىلىش قولايسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

    ناۋاتنىڭ ئۈنۈمى ۋە رولى

    1. دورىلىق ئۈنۈمى

    جۇڭيى تېبابىتىدە ناۋاتنىڭ ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۆتەل توختىتىش، بەدەنگە قۇۋەت تولۇقلاش، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بارلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا، ناۋات دائىم قۇۋەت بۇيۇملىرى تەييارلاشتىكى قوشۇمچە ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، ناۋاتتا يەنە تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار.

    2. ئۈنۈمى ۋە رولى

    ناۋاتنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، قۇۋەت تولۇقلايدۇ. ئۇنىڭ بەلغەم يۇمشىتىش، بەدەندىكى قىزىقنى ئېلىش، ئۆپكىدىكى ئىسسىقنى ئېلىش رولى بار. شۇڭا، ناۋاتنى ئاق نەشپۈت بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرگەندە، يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى يۇمشىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

    ئادەتتىكى كىشىلەر زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك بىمارلىرى، ھامىلدارلار، بالىلار ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك. دىيابېت كېسىلى، قان قەنتى يۇقىرى كىشىلەر ئىستېمال قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.

    ناۋاتنى تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر بىلەن بىرگە قاينىتىپ ئىستېمال قىلغاندىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

    تۇخۇم، ئالقاتقا ناۋات قوشۇش

    تەييارلاش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ، بىر قانچە تال ئالقات سېلىپ، ئارقىدىن بىر نەچچە تال ناۋات سېلىپ، كورىدا ھوردىتىپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

    ئۈنۈمى: دائىم تۈنەپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئاسانلا ئىسسىقى ئاشىدۇ. ھالبۇكى خام تۇخۇم ئوتنى قايتۇرىدۇ، ئالقات جىگەرنى قۇۋەتلەپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    ناۋاتقا پىياز قوشۇش.

    تەييارلاش ئۇسۇلى: پىيازنى پارچىلاپ توغراپ، ئىككى ئۈچ تال ناۋات قوشۇپ، ئۈستىگە ئازراق قايناقسۇ قۇيۇپ، بەش مىنۇتتىن كېيىن سوۋۇتۇپ ئىچىش كېرەك.

    ئۈنۈمى: زۇكامنى يېنىكلىتىدۇ، چۈنكى ناۋات ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۆتەل توختىتىش رولىغا ئىگە. پىيازدىكى سامساق ماددىسى بىلەن پروپىلېن سۇلفىد بار بولۇپ، يىنىك زۇكامنى پەسەيتىدۇ.

    ناۋاتقا ئۈرۈك قوشۇش.

    تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۈرۈكنى پاكىز يۇيۇپ، مېغىزىنى ئېلىۋېتىپ، قول بىلەن ئايرىپ، قازانغا سېلىپ، قايناقسۇ بىلەن ناۋاتنى قوشۇپ، راسا قاينىتىپ، ئۈرۈكنىڭ پىشىش دەرىجىسى ۋە ئۆزىنىڭ تەم سەزگۈسىگە ئاساسەن قايناتسا بولىدۇ.

    ئۈنۈمى: ئۆپكىنى سىلىقلاپ، نەپەسنى تۇراقلاشتۇرىدۇ. ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.

    سېرىق ئاپېلسىنغا ناۋات قوشۇش

    كېرەكلىك ماتېرىيال: سېرىق ئاپېلسىن يېرىم كىلوگىرام، ناۋات 130 گرام، ئاشتۇزى مۇۋاپىق مىقداردا

    تەييارلاش ئۇسۇلى: سېرىق ئاپېلسىننى پارچىلاپ، قازانغا سېلىپ، ناۋات ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇنى قاينىتىپ، ئوتتۇرا ئوتتا 20 مىنۇت قاينىتىش كېرەك، قاينىتىپ قويۇقلاشقاندىن كېيىن، پەس ئوتتا ئاستا قاينىتىش كېرەك. ئاخىرىدا يېلىم ھالىتىگە ئايلانغاندا ئاندىن ئوتنى ئۆچۈرۈش كېرەك.

    ئۈنۈمى: بۇ يۆتەلنى داۋالاشتا ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، دائىم ئىچىپ بەرگەندە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى