• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى: مېسسىنى قوللايمەن، ئۇنىڭغا جازا بېرىش جىنايەت

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:12 17-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    2019-يىللىق ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى ئاخىرلىشىپ بولدى، لېكىن مېسسىنىڭ قىزىل كارتا ئالغانلىقى توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر تېخىچە داۋاملاشماقتا. يېقىندا، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماۋرىسىئو ماكرىمۇ ئاشكارە ھالدا مېسسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ماكرى مۇنداق دېدى: «(رېپىرنىڭ ھۆكۈمى) قارىماققا ئىنتايىن غەلىتە. مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن ئېنىق، مېسسىغا جازا بېرىش جىنايەت. مەن شەرتسىز ھالدا مېسسىنى قوللايمەن، ئۇنىڭ ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە كىيىمىنى قوغدىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا بىزنىڭ بۇنچە كۆپ ھەل قىلغۇچ كەچۈرمىشىمىز بولمىغان بولاتتى.»

    مېسسى كاپىتان سالاھىيىتىدە ئارگېنتىنا كوماندىسىنى باشلاپ 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى، 2015-يىللىق ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى ۋە 2016-يىللىق ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن بولۇپ، لېكىن بىر قېتىممۇ چېمپىيون بولۇپ باقمىغان. ماكرى بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بەزىدە ئامەت سىز تەرەپتە تۇرىدۇ، بەزىدە ئۇنداق بولمايدۇ، مېنىڭچە بۇ دەل، بۇ دەل تۇرمۇش.»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى