• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    مانچېستېر شەھىرىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدىغان ئەزالار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:07 16-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبى بۇ قېتىم 26 نەپەر كوماندا ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە ئېلىمىزگە كېلىپ، «ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى ئاسىيا لوڭقىسى»دىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ترېنېر گۇاردىئولا كوماندىنى يېتەكلەپ شياڭگاڭغا بارىدىكەن، شۇ ۋاقىتتا ياش ماھىر فودېنمۇ ئۆزىنىڭ ئېنگلاند 21 ياشلىقلار دۆلەت كوماندىسىدىكى مۇسابىقىلىرىنى تاماملاپ، كوماندىغا قايتىدىكەن.

    بۇندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى ئالدى بىلەن 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، نەنجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە غەربىي ھام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن 20-ئىيۇل شاڭخەي خوڭكوۋ تەنتەربىيە مەيدانىدا «ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى ئاسىيا لوڭقىسى»نىڭ چېمپىيونلۇقىنى ياكى ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ، رىقابەتلىشىدىغان كوماندىسى نيۇكاستىل ياكى بۆرە كوماندىسى بولىدىكەن، «ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى ئاسىيا لوڭقىسى» مۇسابىقىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مانچېستېر شەھىرى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى شياڭگاڭ توپ مەيدانىدا بەيگەمۇسابىقە مەركىزى كىتچې لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شياڭگاڭنىڭ زەردار كوماندىسى كىتچې كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن، ئاخىرىدا 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ياپونىيەنىڭ يوكوخاماغا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداش كۇلۇبى يوكوخاما ماتروسلىرى بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينايدىكەن.

    يېڭىلا كوماندىغا قوشۇلغان رودرى كوماندىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا سەپىرىدە مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىمۇ يۇقىرى ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كوماندىغا قايتىپ كەلگەن كوماندا بېكى ئانگېلىنومۇ بۇ قېتىمقى كوماندا تىزىملىكىگە تاللانغان.

    مانچېستېر شەھىرىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدىغان ئەزالار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

    1-نومۇر: براۋو (قاپقىچى)

    2-نومۇر: ۋوكېر (بېك)

    3-نومۇر: دانېلو (بېك)

    5-نومۇر: ستونېس (بېك)

    7-ستېرلىڭ: (ھۇجۇمچى)

    8-نومۇر: گۇندوغان (ئوتتۇرا مەيدان)

    11-نومۇر: زىنچېنكو: (ئوتتۇرا مەيدان)

    12-نومۇر: ئانگىلىنو (بېك)

    14-نومۇر: لاپورتې (بېك)

    16-نومۇر: رودرى (ئوتتۇرا مەيدان)

    17-نومۇر: دېبرۇينى (ئوتتۇرا مەيدان)

    19-نومۇر: سانې (ھۇجۇمچى)

    20-نومۇر: بېرناردو سىلۋا (ئوتتۇرا مەيدان)

    21-نومۇر: داۋېد سىلۋا (ئوتتۇرا مەيدان)

    32-نومۇر: گىرىمشاۋ (قاپقىچى)

    43-نومۇر: لۇكاس نمېچا (ھۇجۇمچى)

    51-نومۇر: نابىل تۇئاز (ھۇجۇمچى)

    55-نومۇر: گاۋىن بۇزۇنو (ئوتتۇرا مەيدان)

    66-نومۇر: پوزو (ئوتتۇرا مەيدان)

    69-نومۇر: توممى دويلې (ئوتتۇرا مەيدان)

    74-نومۇر: بولتون (ھۇجۇمچى)

    75-نومۇر: ئالىكساندېر گارسىيا: (ئوتتۇرا مەيدان)

    78-نومۇر: تايلور خارۋود بېللىس: (بېك)

    82-نومۇر: ئادرىئان بېرنابې (ئوتتۇرا مەيدان)

    83-نومۇر: پوۋېيدا (ھۇجۇمچى)

    96-نومۇر: بېننېت (ئوتتۇرا مەيدان)

    47-نومۇر: فودېن: (ئوتتۇرا مەيدان)

    فودېن مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ شياڭگاڭ بېكىتىدە كوماندا ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى