• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بارسېلونا رەئىسى: بىز گرېزمان بىلەن ئۇ مەستانىلەر بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئالاقىلاشقان

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:05 16-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    فرانسىيەلىك ھۇجۇمچى گرېزمان رەسمىي ھالدا نوكەمپودا نامايەن بولدى، بارسېلونا رەئىسى بارتومېئو بۇ جەرياندا مادرىد ئاتلېتكىنىڭ «120 مىليون ياۋرو گرېزماننىڭ توختام بىكار قىلىش سوممىسىغا يەتمەيدۇ، قانۇن ئارقىلىق ھوقۇق-مەنپەئىتىمىزنى قوغدايمىز»، دېگەن ئۇقتۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇردى.

    بارتومېئو مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ باققان، ئىسپات ياكى باشقا نەرسە يوق. مەن مادرىد ئاتلېتكىنىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدىماقچى بولغانلىقىنى چۈشىنىمەن، ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى، لېكىن ھېچقىسى يوق.»

    بارتومېئو بارسېلونانىڭ گرېزمان كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى بىلدۈردى: «بىز گرېزمان مەستانىلەر بىلەن خوشلىشىدىغان فىلىمنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان، 3-ئايدا كېلىشىم ئىمزالىغان ئىش يوق.»

    ئۇ يەنە پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز مادرىد ئاتلېتكا بىلەن پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى سۆھبەتلەشتۇق، لېكىن بىرلىككە كېلەلمىدۇق، ئارقىدىن توختام بىكار قىلىش سوممىسىنى تاپشۇردۇق، بۇ 35 مىليون ياۋرولۇق قەرز ۋە 85 مىليون ياۋرولۇق كۇلۇب كىرىمىدىن كەلگەن، بۇ خىل سودىنى تاماملاش ئاسان ئەمەس.»

    ئۇنىڭدىن باشقا، بارتومېئو بارسېلونانىڭ تېخىمۇ كۆپ توپچى قوشۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «مەن ئەڭ ياخشى توپچىلارغا ئېرىشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بىزدە رىقابەت كۈچى زور كوماندا بار، بىز كۆپ قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۇق. گرېزماننىڭ كېلىشى بىر خۇش خەۋەر، بىز كوماندىنى ئۆزگەرتىشنى توختاتمايمىز، يۆتكىلىش بازىرىدىكى باھالار ئىنتايىن يۇقىرى، ئەھۋال مانا مۇشۇنداق، بىز بۇ يۆتكىلىش كۆزنىكىدە رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە.»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى