• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئورگان تورى: گرېزمان بارسېلونادا 17-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:59 16-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە، بارسېلونا كۇلۇبى گرېزماننىڭ نوكەمپو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈش مۇراسىمىدا، فرانسىيەلىك بۇ ھۇجۇمچىنىڭ كوماندىدا 17-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

    گرېزمان شۇ يەر ۋاقتى 14-ئىيۇل كەچتە، رەسمىي ھالدا بارسېلونا كۇلۇبىدا پەيدا بولغان، ئۇ بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بارتۇمىئۇنىڭ قولىدىن كوماندىنىڭ 17-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە گرېزمان بارسېلونا كوماندىسىنىڭ 17-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىپ، ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

    7-ئاينىڭ 12-كۈنى بارسېلونا كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق گرېزماننى كوماندىغا قوشۇۋالغانلىقىنى، يۆتكىلىش سوممىسىنىڭ 120 مىليون ياۋرو ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، گرېزماننىڭ يېڭى توختامىدىكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسى 800 مىليون ياۋروغا بېكىتىلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇددىتى بەش يىللىق توختام تۈزگەن.

    بارسېلونا كوماندا تارىخىدا بۇندىن بۇرۇن 17-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى بەش نەپەر پۇتبولچى كىيىپ باققان بولۇپ، ئۇلار بولسا، مۇرىللو، پاكو، مۇنىر، سوڭ ۋە پېدرو قاتارلىق ماھىرلار ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى