• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سامسۇڭ Note 10 Plusنىڭ ئورگان سۈرىتى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:54 15-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ماتېرىيال ئاشكارىلاش ئۇستىسى رولاند سامسۇڭ Note 10 ۋە Note 10 Plusنىڭ ئورگان تەرەپ رەڭلەنمە سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە Note 10نىڭ ئالدى يۈزىگە 6.3 ديۇملۇق ئېكران، ئارقىسىغا تىك ئۈچ كامېرا، كامېرا بۆلىكىنىڭ سول تەرىپىگە بىر دانە چاقناش چىرىغى ئورنىتىلغان. Note 10 Plusقا بولسا 6.7 ديۇملۇق ئېكران، ئارقىسىغا ئوخشاشلا ئۈچ كامېرا ئورنىتىلغان، ئوڭ تەرىپىگە يېڭىدىن 3D ToF كامېراسى قوشۇلغان، ئىككى خىل يانفوننىڭ قارا ۋە قۇتۇپ نۇرى رەڭلىك نۇسخىلىرى چىقىرىلغان.

    ئالدى يۈزى ئېكرانىنىڭ شەكلىدە ئىككىلىسى ئوخشاش بولۇپ، تۆشۈك ئېكران ئىشلىتىلگەن.

    ئەمما Note 9 ۋە Note 10نىڭ ئېكران ئىگىلەش نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا بۇلارنىڭ ئېكران ئىگىلەش نىسبىتى ئاشۇرۇلغان. پەقەت تىڭشىغۇچىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، بەلكىم سامسۇڭ خۇاۋېي P30 Proقا تەقلىد قىلىپ، ئېكران ئاستى ئاۋاز چىقىرىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن.

    S Penغا كەلسەك، يېڭى ئۆزگىرىش يوق. ئۇنىڭدىن باشقا سامسۇڭ بۇ يىل مۇستەقىل Bixby كۇنۇپكىسىنى ئېلىۋېتىشى، يەنى توك مەنبەسى كۇنۇپكىسى بىلەن ئاۋاز كۇنۇپكىسىنى يانفوننىڭ سول تەرىپىگە قويۇشى مۇمكىن.

    نۆۋەتتە ياۋروپا پارچە سېتىش كارخانىسى ئاشكارىلىغان دەسلەپكى باھادىن قارىغاندا، Note 10نىڭ باھاسى 2000 ياۋرو (تەخمىنەن 15 مىڭ 500 يۈەن)گە يېتىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى