• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    پولات پالۋاننىڭ ئۆلۈمى بىر خاتالىق، غەلىتە دوكتۇر نەتىجىنى خاتا ھېسابلاپ قويغان

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:51 15-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4» مەستانىلەرنىڭ ئىنتايىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىنو قىساسكارلار ئىتتىپاقى يۈرۈشلۈكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىنوسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇ كىنو نۇرغۇن كىشىلەرگە بىر مۇجمەل سوئالنى قالدۇرۇپ قويدى. چۈنكى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭدىكى يېڭىش-يېڭىلىشنى ھېچكىم بىلمەيتتى. «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3»تە نۇرغۇن دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنىڭ غايىب بولۇشى بىلەن «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4» نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ ئاخىرىقى ئۈمىدى بولۇپ قالغانىدى.

    ئەسلى گەپكە كەلسەك، كىنونى كۆرۈپ باققان نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ، گەرچە قىساسكارلار ئىتتىپاقى ھالاكەت زومىگىرىنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پولات پالۋان ئەڭ ئاخىرىدا بارمىقىدا قاس چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلدى. ئۇنداقتا پولات پالۋاننىڭ ئۆلۈمى بۇ جەڭنىڭ مۇكەممەل نەتىجىسىمىدۇ؟

    كىنونىڭ تەھرىرى پولات پالۋاننىڭ ئۆلۈمى بىر خاتالىق دەپ قارايدۇ. گەرچە غەلىتە دوكتۇر ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى غەلبە بەدىلىگە پولات پالۋان قۇربانلىق قىلىنماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتە غەلىتە دوكتور جاۋابنى خاتا ھېسابلاپ قويغان. كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، شۇ چاغدا خۇلك گۆھەر تاشنى ئالغىلى بارغاندا گۇيى خۇلكنىڭ بەش يىل بۇرۇن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

    بۇ گەپتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گۇيى كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بۇرۇنلا بىلىپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ غەلىتە دوكتۇرنىڭ ۋاقىت گۆھىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ھېچقانداق گەپ سۆز قىلماستىن ۋاقىت گۆھىرىنى خۇلكقا بەرگەن ھەم مۇنداق دېگەن: «بىز كەلگۈسىمىزنى سىزگە تاپشۇردۇق».

    ئەمەلىيەتتە، گۇيىنىڭ بۇ سۆزى ھەقىقىي ئەھۋال، ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇرۇن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «چەكسىز تاشنىڭ ئاساسلىق تۈزۈلۈشى گامما نۇرى، شۇڭا ئۇنىڭ گامما نۇرىغا قارىتا ئەسلىدىنلا بەلگىلىك قارشىلىق كۈچى بار». گۇيىنىڭ ئەينى چاغدىكى مەقسىتىمۇ ئۇنىڭدىن دۇنيانى قۇتقۇزۇشنى ئۆتۈنۈش ئىدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى