• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    دوستلۇق مۇسابىقىسى: خەلقئارا مىلان 1:2 لۇگانو

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:48 15-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 23:30دا، خەلقئارا مىلان كوماندىسى بىلەن شۋېتسارىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن لۇگانو كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى باشلاندى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە خەلقئارا مىلان كوماندىسىدىن سېنسى يىراقتىن بىر توپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، دېۋرىج خەلقئارا مىلانغا ۋاكالىتەن بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، كەينىدىن بروزوۋىچ خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە خەلقئارا مىلاننىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لۇگانو كوماندىسىدىن كىريېزىئۇ بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خەلقئارا مىلان كوماندىسى 1:2 نەتىجىدە لۇگانو كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

    مۇسابىقە باشلىنىپلا خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، پېرىسىكنىڭ قاپقىغا تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 24 مىنۇت بولغاندا، خەلقئارا مىلان بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارا مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ سېنسى ئوتتۇرا مەيداندىن سەپدىشى يەتكۈزگەن ئۇدۇل پاسنى ھەيدەپ، چەكلەنگەن رايون سىرتىدىنلا قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى خەلقئارا مىلان 0:1 لۇگانو.

    مۇسابىقە باشلىنىپ 35 مىنۇت بولغاندا، خەلقئارا مىلان بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم تەشكىللەپ، دېۋرىج بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر سىن فىلىمى كۆرۈش ئارقىلىق، ھۇجۇم جەريانىدا ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، 45-مىنۇتتا خەلقئارا مىلان يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، پېرىسىكنىڭ سول تەرپەتىن توپنى ھەيدەپ پاس بېرىشى بىلەن بروزوۋىچ توپنى توختاتمايلا قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى خەلقئارا مىلان 0:2 لۇگانو.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە خەلقئارا مىلاننىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كەينىدە قالغان لۇگانو كوماندىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى، خەلقئارا مىلان قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 86-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، لۇگانو كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، رېئونىڭ ئوڭ تەرەپتىن توپنى ھەيدەپ ئوتتۇرىغا پاس بېرىشى بىلەن، كىريېزىئۇ قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى خەلقئارا مىلان 1:2 لۇگانو.

    كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خەلقئارا مىلان كوماندىسى 1:2 نەتىجىدە لۇگانو كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىنى غەلبە بىلەن تاماملىدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى