• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4»نىڭ بېلەت كىرىمى «ئاۋاتار»غا يېقىنلاشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:47 15-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    راست ئادەم نۇسخىسىدىكى «شىر پادىشاھ» ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى دۆلىتىمىزدە قويۇلدى ھەمدە تۇنجى ھەپتىسى 368 مىليون يۈەنلىك بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ دىسنېينىڭ دۆلىتىمىزدە قويۇلغان راست ئادەم نۇسخىسىدىكى كارتون فىلىملىرى ئىچىدىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كىنوغا ئايلاندى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4» 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ شىمالىي ئامېرىكىدا قايتىدىن قويۇلغان بوڭلۇپ، يەر شارى بېلەبت كىرىمى ئىككى مىليارد 780 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، «ئاۋاتار»نىڭ ئىككى قېتىم قويۇلغاندىن كېيىنكى ئىككى مىليارد 788 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمىدىن پەقەت يەتتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا پەرق قىلماقتا. دېمەك، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4» پات ئارىدا «ئاۋاتار»دىن ئېشىپ كىنو تارىخىدىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كىنوغا ئايلىنىشى مۇمكىن.


    «ئۆمۈچۈك پالۋان 2: قەھرىماننىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى» يەنە بىر قېتىم شىمالىي ئامېرىكا كىنو بازىرىنىڭ ھەپتىلىك بېلەت كىرىم چېمپىيونى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە 45 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن، شىمالىي ئامېرىكا بېلەت كىرىمى جەمئىي 275 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، چەتئەل بېلەت كىرىمى قوشۇلۇپ يەر شارى بېلەت كىرىمى 847 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى