• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    «گۇمپا» فىلىمىدىكى قوغلىشىدىغان كۆرۈنۈش قانداق سۈرەتكە ئېلىنغان؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:41 15-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    «گۇمپا» جوۋ شىڭچى رېژىسسورلۇق قىلغان، جوۋ شىڭچى، زېڭ جىڭچاڭ، خو شىن، چېن ۋېنچياڭ سېنارىيەسىنى يازغان، جوۋ شىڭچى، لياڭ شياۋلوڭ، يۈەن خۇا قاتارلىقلار باش رول ئالغان ھەرىكەتلىك، كومېدىيە تۈرىدىكى كىنو بولۇپ، 2004-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگودا قويۇلغان.

    فىلىم ۋەقەلىكى ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ كىنونى قايتا-قايتا كۆرسىمۇ زېرىكمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ كىنو جوۋ شىڭچىنىڭ ۋەكىل خارەكتېرلىك كىنولىرىنىڭ بىرى!

    ھازىر دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، «ئالاھىدە ئۈنۈم» دېگەن بۇ ئاتالغۇمۇ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى. ئالاھىدە ئۈنۈمنىڭ بارلىققا كېلىشى بىزگە رېئال تۇرمۇشتا ئادەتتە كۆرۈلمەيدىغان مەنزىرە ياكى كۆرۈنۈشلەرنى نامايان قىلدى، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا فىلىملىرىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈم كۆرۈنۈشى ئىنتايىن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ.

    جوۋ شىڭچى، 1962-يىلى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، 1990-يىلى «قىمار شاھى» ناملىق كومېدىيەلىك فىلىمگە تايىنىپ، ئۆزىگە خاس ئورۇنداش ئۇسلۇبىنى ياراتقان. ئۇنىڭ ھەربىر ئىشلىگەن كىنوسى نادىر كىلاسسىك ئەسەر بولۇپ قالغان. جوۋ شىڭچى باش رول ئالغان كىنولار شۇ كىنو قويۇلغان مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمىنى ياراتقان.

    «گۇمپا» دېگەن بۇ كىنونى كۆپچىلىك ئوبدان بىلىدۇ. بۇ كىنو نۇرغۇن ئالاھىدە ئۈنۈم بىلەن ئىشلەنگەن، شۇڭا بىزگە رېئاللىققا ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن كومېدىيەلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتەلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان بىر كۆرۈنۈش دەل جوۋ شىڭچى بىلەن ئىجارىكەش ئايالنىڭ قوغلىشىدىغان كۆرۈنۈشىدۇر.

    بۇ كۆرۈنۈشتە ئىككىيلەننىڭ بەدىنى ئاپتوموبىلغا ئوخشاش يولغا چىقىپ تېز سۈرئەتتە بىر-بىرىنى قوغلايدۇ. كىنونى كۆرگەن تاماشىبىنلارمۇ جوۋ شىڭچىنىڭ ئويلاپ تاپقان بۇ خىيالىغا ھەيران قالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كۆرۈنۈش زادى قانداق سۈرەتكە ئېلىنغان؟


    «گۇمپا» فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش جەريانىدىكى خاتىرىلەردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، گەرچە كىنودا ئۇلار ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رېئاللىقتا ئۇلار جايىدا يېتىپلا قولىنى ھەرىكەتلەندۈرگەن. ئىجارىكەش ئايالنىڭ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشىمۇ بوشلۇقتا ئېسىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىنغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى