• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    دائىم تۈنەپ يانفون ئوينايدىغان ئاچا-ئىنى ئۆسمۈر «پەتەك»كە ئايلىنىپ قالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:21 11-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    جاڭ خانىم ئەر-ئايال ئىككىلىسىنىڭ بويى خېلى ئېگىز، لېكىن ئىككى بالىسى تەڭتۇشلىرىدىن خېلى پاكار، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئاندىن «پەتەكلىك كېسىلى»دىن بولغانلىقىنى بىلگەن، دوختۇر تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ ئاچا-ئىنى ئىككىسىنىڭ دائىم تۈنەپ يانفون ئوينىغانلىقى بويى ئۆسمەسلىكتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئەپسۇس، 14 ياشلىق ئاچىسىنىڭ سۆڭەك ئېپىفىزى (سۆڭەكنىڭ ئۆسىدىغان قىسمى) يېپىلىپ بولغان بولۇپ، بويى 1.5 مېتىردا توختاپ قالغان، ئەمدى ئۆسۈش پۇرسىتى يوق ئىكەن. تۈنۈگۈن جاڭ خانىم بۇنىڭدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغان.

    جاڭ خانىمنىڭ بىر قىز، بىر ئوغلى بار، قىزى 14 ياش، ئوغلى سەككىز ياش. قىزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا بويى پاكارراق بولۇپ، ئۇ پەقەت يېتىلىشى ئاستا ئوخشايدۇ دەپ قاراپ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن. بۇ ئىككى يىلدا قىزىنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئۆزگەرمىگەن، 14 ياشتا ئاران 1.5 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تەڭتۇشلىرىدىن خېلى پاكار، يەنە تېخى ھەيز كەلگەن. سەككىز ياشلىق ئوغلىمۇ ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەن، بويىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ئاستا، ھازىر سەككىز ياش، ئاران 1.2 مېتىر كېلىدۇ. بوۋا-مومىسى تىت-تىت بولماسلىققا نەسىھەت قىلغان: «بالىنىڭ دادىسىمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن ئاندىن بويى ئۆسكەن، دوختۇرغا كۆرسەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.» لېكىن جاڭ خانىم بەك ئەنسىرىگەن، بالىلارنىڭ تەتىلىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىسى خوۋخۇ تارمىقىنىڭ ئاجرالما بۆلۈمىگە تەكشۈرتكىلى ئاپارغان.

    تەكشۈرۈشتە ئاچا-ئىنى ئىككىسىنىڭ پەتەكلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى مەلۇم بولغان. سۆڭەك يېشى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، قىزىنىڭ سۆڭەك يېشى 16 ياشقا يەتكەن، سۆڭەك ئېپىفىزى ئېتىلىپ قالغان، ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، ئەمدى ئۆسۈش پۇرسىتى قالمىغان. دىياگنوزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جاڭ خانىم چۈشىنەلمەي قالغان، ئۆزىنىڭ ئېگىزلىكى 1.65 مېتىر، ئېرىنىڭ ئېگىزلىكى 1.75 مېتىر تۇرسا، نېمىشقا ئىككى بالىسى پەتەكلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟

    ئىچكى ئاجرالما بۆلۈمىدىن جاڭ خوڭمېي ئەھۋالنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن بىر تەپسىلاتنى بايقىغان: ئىككى بالىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت تۈنەپ يانفون ئوينىشى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر يەتكەن. نۆۋەتتە جاڭ خانىمنىڭ ئوغلى داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، يەنە ئۆسۈشى مۇمكىن ئىكەن.

    جاڭ خوڭمېي تونۇشتۇرۇپ: «لېكىن ئاتا-ئانىسى سەل قارىغانلىقتىن قىزىنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلى ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىرغا مۇقىملىشىپ قاپتۇ» دېگەن. ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە نۇرغۇن ئاتا-ئانا بالىلىرىنى «پەتەكلىك ئامبولاتورىيەسى»گە ئەكېلىدىكەن. ئېرسىيەت ۋە كېسەللىك ئامىلىدىن باشقا، ھازىر ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەسىلەن ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ھەرىكەت ئاز بولۇش قاتارلىق ئامىللارمۇ بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى يېتەرلىك ئۇيقۇ ۋە ھەرىكەت ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوي ئېگىزلىكىنى ياخشىلاشقا ياردەم قىلىدىكەن.

    مۇتەخەسسىسنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بالىنىڭ ئېگىزلىكى بالىلار ئېگىزلىك ئۆلچەم جەدۋىلىدىكى مۇناسىپ ياشتىكى پەتەك ئېگىزلىك قىممىتىدىن كىچىك ياكى تەڭ بولسا ئاساسىي جەھەتتىن پەتەكلىك كېسىلى ياكى باشقا ئۆسۈپ يېتىلىش كېسىلى بار دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىكەن. لېكىن سۆڭەڭ يېشى كېيىنكى ئۆسۈش بوشلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىشەنچلىك كۆرسەتكۈچ ئىكەن. مەسىلەن، سەككىز ياشلىق بىر بالىنىڭ ئېگىزلىكى ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بالدۇر يېتىلىپ، سۆكەڭ يېشى 11 ياش بولسا 11 ياشلىق بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىگە سېلىشتۇرغاندا پاكار ھېسابلىنىدۇ، قورامىغا يەتكەندىكى ئېگىزلىكى پەتەك دەپ ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىگە يېتىدۇ؛ سەككىز ياشلىق بىر بالىنىڭ ئېگىزلىكى ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىدىن تەخمىنەن بەش سانتىمېتىر تۆۋەن، لېكىن سۆڭەك يېشى يەتتە ياش بولسا قورامىغا يەتكەندىن كېيىنكى ئېگىزلىكى نورمال بولۇشى تامامەن مۇمكىن.

    ئادەم ياشلىق مەزگىلدە ئۆسۈپ يىتىلىدىغان بولغاچقا سۆڭەك ئېپىفىزى ئېتىلىپ قالغاندىن كېيىن ئادەتتە داۋاملىق ئۆسمەيدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تەڭتۇشلىرىدىن خېلى پاكار ئىكەنلىكىنى ياكى ھەر يىلى بەش سانتىمېتىردىن ئاز ئۆسكەنلىكىنى بايقىغاندا دىققەت قىلىشى، «كېيىن ئۆسىدۇ» دەپ قارىماسلىقى، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ دىياگنوز قويدۇرۇشى، سۆڭەك يېشىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈشى، ئېگىزلىكىنى ئۆلچىشى كېرەك. بالىلار تەتىلدە تەتىل قىلدۇق دەم كېچىسى ئۇخلىمىسا بولمايدۇ، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، ھەرىكەتنىڭ كۆپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى