• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قوشنىسىنى كۈلدۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئادەمگە قارار چىقىرىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:20 11-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ زۇنيى ناھىيەسىدىكى شياۋجوۋ ئۆزىنىڭ چاقچاق سۆزى ۋە ئىش ھەرىكىتىنىڭ قوشنىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئېغىر بەدەل تۆلىدى يەنى كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق شياۋجوۋ قوشنىسىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن 60 مىڭ يۈەن تۆلەم بەردى.

    ئىگىلىنىشىچە، شياۋجوۋ ئۆلۈپ كەتكەن شياۋخې بىلەن قوشنا بولۇپ، بۇلتۇر 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەندە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى بىر دۇكاندا ئۇچرىشىپ قالىدۇ. دۇكاندا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش داۋامىدا ئۇلار بىر-بىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ، ئىتتىرىشىپ، كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ ئارىلىقتا شياۋخېنىڭ چىرايى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، يەرگە يىقىلىپ چۈشىدۇ.

    بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن شياۋ جوۋ ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئۇنىڭغا «بولدى چاقچاق قىلماڭ» دەيدۇ. بىراق كەينىدىنلا ئۇ يەردە مىدىرلىماي ياتقان شياۋ خېغا قاراپ ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرىدۇ ۋە پەسكە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ ھوشسىزلانغانلىقىنى بايقايدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن قورقۇپ كەتكەن شياۋجوۋ ئۇنى قۇتقۇزۇشنى ئويلىماي بەلكى ئۆيىگە قېچىپ كېتىدۇ. ئارقىدىنلا دۇكاندار شياۋخېنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى چاقىرىپ كېلىدۇ. بىراق بۇ ۋاقىتتا ئۇلار كېچىككەن بولۇپ، شياۋخېنىڭ نەپىسى توختاپ بولغانىدى.

    شياۋخېنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن شياۋجوۋ بىلەن چاقچاق قىلىپ ئويناشقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن شياۋجوۋنى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن داۋلىشىدۇ. بىراق شياۋجوۋنىڭ پوزىتسىيەسى قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن شياۋخېنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ.

    ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، جەسەتنى تەكشۈرىدۇ. جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە، شياۋخې تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن.

    زۇنيى ناھىيەسى ساقچىلىرى دېلو ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، شياۋجوۋنى «سەۋەنلىك سەۋەبىدىن قارشى تەرەپنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ گۇمانلىنىپ ئۇنى قولغا ئالىدۇ. ساقچى تەرەپنىڭ قارىشىچە، شياۋجوۋ قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن شياۋخېنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى بىلىشى مۇمكىن ئىكەن شۇنداقلا شياۋجوۋ قارشى تەرەپنىڭ كېسىلىنى بىلگەن ئەھۋالدا قارشى تەرەپ بىلەن چاقچاقلىشىپ ئوينىشىپ ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىپ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋجوۋ قارشى تەرەپنىڭ يەرگە يىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى قۇتقۇزماي بەلكى قېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا يەنە جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

    بىراق، ساقچى تەرەپنىڭ زۇنيى ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە سۇنغان شياۋجوۋنى قولغا ئېلىش ئىلتىماسى قايتۇرۇۋېتىلىدۇ.

    زۇنيى ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى شياۋجوۋ شياۋخېنىڭ قوشنىسى بولسىمۇ بىراق شياۋجوۋ شياۋخېنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى بىلمەيدۇ ۋە بۇنىڭ ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋىرى يوق، شياۋجوۋنىڭ چاقچاقلىشىش قىلمىشى شياۋخېنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە پۈتۈنلەي سەۋەب بولالمايدۇ، شياۋخېنىڭ چاقچاق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاران %5-%10 گىچە دەپ قارىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەپتىش مەھكىمىسى شياۋجوۋنىڭ قىلمىشى جىنايەت شەكىللەندۈرمەيدۇ دەپ قاراپ ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىكنى ۋە «شياۋجوۋ بۇ ئىش ئۈچۈن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دېگەن قارارنى چىقىرىدۇ.

    ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى سوتقا چىقىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۆپ قېتىم كېلىشتۈرۈشى بىلەن، يېقىندا ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلىپ، شياۋجوۋ ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە 60مىڭ يۈەن تۆلەيدىغان بولغان.

    ئادۋوكاتنىڭ قارىشىچە، شياۋجوۋنىڭ ئاساسلىق خاتالىقى ئۇنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ھوشسىزلىنىپ يىقىلغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قۇتقۇزمىغانلىقىدا ئىكەن. شياۋجوۋ قارشى تەرەپنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ قارشى تەرەپ خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۇنى قۇتقۇزۇشى كېرەك ئىكەن، ھالبۇكى شياۋجوۋ ئۇنداق قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

    ئەگەر شياۋجوۋ قارشى تەرەپنىڭ يەنى شياۋخېنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە ئىتتىرىشىپ چاقچاق قىلىشىپ قارشى تەرەپنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولسا ئۇ چاغدا شياۋجوۋ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش جىنايىتىگە چېتىلىدىكەن.

    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/b7R42_Q-Lkk3MErucE4pYw


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى