• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    تارىختىكى بۈگۈن: پورتۇگالىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:18 11-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە پورتۇگالىيە كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن فرانسىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. شۇنىڭ بىلەن كىرىستىيانو رونالدومۇ دۆلەت كوماندىسى ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق چوڭ مۇسابىقىلەردىكى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

    شۇ چاغدا فرانسىيە كوماندىسى پورتۇگالىيە كوماندىسىدىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇ مۇسابىقىدە پورتۇگالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، بۇ قېتىمقى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولىدۇ دەپ قارالغان كوماندا ئىدى، بولۇپمۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ مۇسابىقىنىڭ 24-مىنۇتىدا يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىشى، فرانسىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن ئىدى.

    بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كۆپىنچە ئادەملەر ئېنىقلا بۇ مۇسابىقىدە فرانسىيە كوماندىسىنى پورتۇگالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيون بولىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. بىراق بۇ ئىككى كوماندا تىركىشىپ توپ كىرگۈزەلمەي، قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ 18-مىنۇتىدا، يەنى مۇسابىقىنىڭ 108-مىنۇتىدا پورتۇگالىيە كوماندىسىدىكى ئېيدېر بىر توپ كىرگۈزۈپ پورتۇگالىيە كوماندىسىنى 1-0 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى. ئاندىن مۇسابىقە ئاياغلاشقىچە توپ كىرمەي، مۇسابىقە 1-0 نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىپ، پورتۇگالىيە كوماندىسى تارىختىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ پورتۇگالىيە كوماندىسى ئۈچۈن ۋە كىرىستىيانو رونالدو ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلار بولۇپ قالدى.

    شۇ قېتىمقى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كىرىستىيانو رونالدو ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ ياردەمچى پاس بېرىپ، ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولدى. بىراق فرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەچكە بۇ مۇسابىقىدە مەيداندا مۇسابىقە ئوينىيالمىدى، بىراق ئۇنىڭ يارىلىنىپ تۇرۇقلۇقمۇ يەنە مەيداننىڭ يېنىدا تۇرۇپ سەبداشلىرىغا مەدەت بەرگەن كۆرۈنۈشى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى