• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    تاپىنىغا چاچ سانجىلىپ قالغان ئەر ماڭالماي قالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:17 11-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بىرازىلىيەلىك بىر ئەر پۇتىنىڭ قاتتىق ئاغرىقىغا چىدىيالمىغانلىقتىن دوختۇرخانىغا بارغان، نەتىجىدە تاپىنىغا بىر تال «چاچ» سانجىلىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان.

    ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان 35 ياشلىق بۇ ئەر پۇتىنىڭ ئاغرىقىنى 8 سائەت تارتقان، ھەتتا يول مىڭىشى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

    دوختۇرلار ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ تاپىنىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن بىر تال چاچ ئۇنىڭ تېرىسىنى تېشىپ ئۆتكەنلىكىنى ۋە بىر نېرۋىغا تىگىپ قالغانلىقىنى بايقىغان. بۇنداق مىدىتسىنا ھادىسىسى «تېرە مويىنىڭ كۆچۈشى (CPM)» دېيىلىدىكەن.

    تېرە مويىنىڭ كۆچۈشى دېگەن نېمە؟ تېرە مويىنىڭ كۆچۈشى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، چاچ تېرىگە كىرىشىپ ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ، بولۇپمۇ يول ماڭغاندا.

    ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدا ھازىر تېرە مويىنىڭ كۆچۈشىگە گىرىپتار بولغان قانچىلىك ئادەم بارلىقى نامەلۇم، بىر تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 1957-يىلى CPM بايقالغاندىن بۇيان 26 ئادەملا دوكلات قىلىنغان.

    CPMغا دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى: «تېرە ئىچىدە چاچقا ئوخشاش قارا سىزىق بار-يوقلۇقى»نى تېپىش.

    بەزىدە تېرىنىڭ پارازىت قۇرتلاردىن يۇقۇملىنىشى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئىلمەك مەددە لىچىنكىسى تېرە ئارقىلىق «كۆچكەن»دىكى بىئاراملىق بۇنىڭغا بەكلا ئوخشاپ كېتىدۇ.

    ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، CPMدا قېچىشمايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا چاچنى ئېلىۋەتسە ئاغرىق پەسىيىدۇ.

    بۇ بىمار سان پاۋلو داشۆسى مىدىتسىنا شۆيۈەنىگە بارغان، ئۇنى تېرە كېسىلى دوختۇرى فرېد تەكشۈرۈپ، پۇتىدا يارا يوقلۇقىنى بايقىغان، ھېچقانداق ئىششىش ياكى «شەكلى ئۆزگىرىش» ئەھۋاللىرىمۇ يوق ئىكەن.

    بىماردىن پۇتىنىڭ ئۇچىدا مىڭىش، ئاندىن تاپاندا مىڭىش تەلەپ قىلىنغاندا ئۇ سول پۇتىنىڭ تاپىنى ئاغرىغانلىقىنى ئېيتقان.

    بۇ نۇقتا دوختۇرلارنىڭ تاپاننى قايتا تەكشۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان، ئۇنىڭ تاپىنىدىن تۇيۇقسىز بىر تال چاچنى بايقىغان.

    دوختۇر مىكروسكوبتا كۆزىتىپ، بۇ چاچنىڭ تېرە ئاستىغا چوڭقۇرلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

    دوختۇرنىڭ قارىشىچە، بۇ بىمار يالاڭئاياغ ماڭغاندا چاچقا دەسسىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن چاچ تېرىگە سانجىلىپ قالغان. كېيىن دوختۇرلار 1 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇ چاچنى ئېلىۋەتكەن، ئەرنىڭ پۇتىنىڭ ئاغرىقى دەرھال قويۇۋەتكەن.

    بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، دوختۇر ژورنالدا ئالاقىدار ماقالە ئېلان قىلغان، ماقالىدە: «چاچنى تولۇق ئېلىۋەتسە ئاندىن ئاغرىق پەسىيىدۇ» دەپ يازغان.

    بۇ بىمارنىڭ ئەھۋالىدىن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، بىمار بۇ چاچقا دەسسىگەندىن كېيىن ئۇ تېرىنىڭ سىرتقى قەۋىتىگە سانجىلغان، بىمارنىڭ مىڭىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىغان. بارا-بارا تېخىمۇ چوڭقۇر تېرە قەۋىتىدىكى نېرۋا ئۇچىنى غىدىقلىغان.

    دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەر ئاق تەنلىك ئىكەن، لېكىن بۇنداق كېسەل ئاسىيالىقلاردا تېخىمۇ كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن، چۈنكى ئاسىيالىقلارنىڭ چېچى تېخىمۇ توم، تېخىمۇ تۈز بولۇپ، ئاسانلا تېرىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە كىرەلەيدىكەن.

    دوختۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى: ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ پۇتىنىڭ ئاستى «بىئارام» بولغانلىقىنى بىلسىڭىز تېرە مويى كۆچۈشكە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى