• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    One plus 7 Pro يانفونىدا ئاپتوماتىك تاقىلىپ قېلىش كاشىلىسى كۆرۈلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:16 11-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شۇنىسى ئېنىقكى، One plus 7 Pro ھازىرقى ئەڭ ياخشى ئەقلىيفونلارنىڭ بىرى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئەمما ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، One plus 7 Proدا بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلگەن، مەسىلەن، سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق دېگەندەك. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتىدە نەچچە ئون نەپەر ئابۇنت يىجىيا ئىگە تەرەپ مۇنبىرىدە One plus 7 Pro سىستېمىسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تاقىلىپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.

    غەلىتە يېرى، دەسلەپكى بىر قانچە ئابۇنت بۇ ئىنكاسنى 5-ئايدا قالدۇرغان، 6-ئايغا كەلگۈچە بۇ Bugغا ئائىت باشقا ئىنكاس چىقمىغان. چەتئەل تاراتقۇسى Android Policeنىڭ بىر تۈرلۈك دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، One plus 7 Pro يانفونىنىڭ ئوكسىگىن OS سىستېمىسىدا پەيدا بولغان بۇ Bugنىڭ تەسىرى ناھايىتى چەكلىك ئىكەن، يىجىيا شىركىتى بۇ مەسىلىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، ھازىر جىددىي تۈردە ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ئىگىلىنىشىچە، كاشىلا كۆرۈلگەن One plus 7 Pro يانفونى نورمال ئىشلىتىۋاتقان ئەھۋالدا تۇيۇقسىزلا ئۆچۈپ قالىدىكەن، ئېكراننى باسسىمۇ يورۇمايدىكەن، پەقەت Fast Boot ھالىتى (ئاۋاز كۇنۇپكىسى+توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى ئۇزۇن بېسىپ تۇرۇش)گە كىرىپ قايتا قوزغىتىشقا توغرا كېلىدىكەن. گەرچە بۇ چوڭ مەسىلە بولمىسىمۇ، ئەمما ئابۇنتلارنى بەكلا غەزەپلەندۈرگەن.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى