• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئالما شىركىتى بەش خىل يېڭى iPadنى تىزىمغا ئالدۇردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:15 11-07-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئالما بۈگۈن ياۋروپا ئىقتىساد كومىتېتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا بەش خىل يېڭى iPadنى تىزىمغا ئالدۇرغان. بۇلار پات-ئارىدا بازارغا سېلىنىدىغان iPad (بۇنىڭ ئىچىدە LTE نۇسخىسىمۇ بار) ئىكەن. يېڭى نۇسخىدىكى iPadنىڭ شەكلى كونا نۇسخىسىغا ئوخشىمايدىكەن. iPad Proنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالما شىركىتى بۇ يىل 10.2 دىيۇملۇق نۇسخىدىكى iPadنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىغان، بۇ بازاردا ھازىرقى iPadنىڭ ئورنىنى باسىدىكەن.

    ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېڭى iPad رامكىسىز لايىھەلەنگەن، شۇنداقلا قول ئىشارىتىنى تونۇيدىكەن. ئالما شىركىتى بۇ يىل 10.5 دىيۇملۇق يېڭى iPadنىمۇ بازارغا سالىدىكەن، بۇ مەھسۇلات 4-ئايدا iPad Air دېگەن نامدا تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان.

    iPadنىڭ iPhone بىلەن iPad ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنىڭ روشەن خاسلىقىغا ئىگە بولالىشىدا iPad OS سىستېمىسى مۇھىم رول ئوينىغان. ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن ئاشكارىلانغان بەش خىل iPadنىڭ تىپ نومۇرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا A2197、A2228、A2068、A2198、A2230 ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى